رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان 9 ئامىل

رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان 9 ئامىل

1.     قۇرئان ئوقۇش

شەكسىزكى، قۇرئان كەرىم ماددىي ۋە مەنىۋى بەرىكەتنىڭ بەنبەسىدۇر. شۇڭا قۇرئان ئوقۇش رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەت بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار. چۈنكى ئۇنى ئوقۇش بەرىكەت، تەرك ئېتىش ھەسرەتتۇر. ھورۇن ئادەملەر بۇنى قىلالمايدۇ»[1]. بىر ئادەم ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يوقسۇللۇقىدىن دەردلىنىدۇ. ئۆمەر ئۇنىڭغا: «سەن ئۆمەرگە مۇراجىئەت قىلماقچىمۇ ياكى ئاللاھقىمۇ؟ قۇرئاننى ئۆگەنگىن، شۇنداق قىلساڭ ئۆمەرنىڭ قېشىغا كېلىشكە ھاجىتىڭ قالمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت كۆرمەيدۇ. بىر كۈنى ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ ئادەم: «قۇرئان ئوقۇدۇم، ئاللاھ مېنىڭ ھاجىتىمنى ئۆمەرگە چۈشۈرمەيدىغان بولدى» دەيدۇ. ئۆمەر: «قۇرئاندىن نېمىنى ئۆگەندىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم «"ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار" دېگەننى ئۆگەندىم» دەيدۇ. ئۆمەر بۇنى ئاڭلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ.

ھەر ئەتىگىنى يېرىم پارە بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان كىشىلەر ھەمىشە ماددىي ۋە مەنىۋى بەرىكەت ئىچىدە بولىدۇ.

2.     ئەتىگەن تۇرۇش

ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇش رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ، رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىمگە ئەتىگەننىڭ بەرىكىتىنى بەرگىن»[2] دەپ دۇئا قىلاتتى، ئەلچى ئەۋەتسە ئەتىگەندە ئەۋەتەتتى، ئەسكەر چىقارسا سەھەردە چىقىراتتى. رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقا تۇتۇشىدىغان مىللەتلەر تەرەققىي قىلماقتا، ئۇلارنىڭ بايلىقى ئاشماقتا. ئەمما ئەتىگەندە ئۇخلايدىغان مىللەتلەر گەرچە مۇسۇلمانلار بولسىمۇ تەرەققىياتتا، بايلىقتا ۋە پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قالماقتا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەتىگەن سائەت بەشلەردە يوللار تىقىلىپ كېتىدىكەن، سائەت سەككىز- توققۇزلاردا يوللار بوشاپ قالىدىكەن، ئاخشاملىرى سائەت توققۇزدا كوچىلاردا ئادەم قالمايدىكەن. ئەمما ئەپسۇسكى، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئىش تامامەن ئەكسىچە بولماقتا. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە شۇنچىلىك كۆپ تەبىئىي بايلىقلار بار تۇرۇقلۇق، ئۇلار ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقى يوق ياپونىيەگە يېتەلمىگەن. چۈنكى، ئۇلار ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا تەبىئەتتە قويغان قانۇنىيەت بىلەن زىتلاشمايدۇ، ئەمما بىز بۇ قانۇنىيەت بىلەن زىتلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن بەرىكەتتىن مەھرۇم ياشىماقتىمىز. غەرب دۆلەتلىرىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاز دېگەندە كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەيدىكەن، ئەمما مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ئىش باشقىچە بولۇپ، بەزى دۆلەتلەردە ئون يەتتە مىنۇت، بەزىسىدە ئون ئىككى مىنۇت ئىشلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا بارغانلىقى ھېساب ئەمەس، ئىشلىگەن سائىتى مۇھىم. شۇڭا ئامېرىكىدا سائەتلىك ئىش ھەققى بېرىدۇ ۋە ئشقا كەلگەنلىكىنى ئەمەس، ئىش قىلغانلىقىنى ھېسابلايدۇ.

3.     تەقۋالىق

تەقۋالىق – ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ۋە مەخلۇقاتقا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەنلىك بولۇپ، تەقۋادارلىق رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[3]. يەنە بىر ئايەتتە «(پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھ _ مەئسىيەتتىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق»[4].

4.     شۈكۈر

ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، نېمىتىمنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن»[5] دەپ ۋەدە بەرگەن. مەلۇمكى، شۈكۈر تىل، دىل ۋە ئەمەل بىلەن بولىدۇ. تىل ۋە دىل بىلەن بولىدىغان شۈكۈرنى چۈشەندۈرۈشكە ھاجەت يوق، چۈنكى ئۇنى ھەركىم بىلىدۇ. ئەمەل بىلەن بولىدىغان شۈكۈرنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئەمەل بىلەن بولىدىغان شۈكۈر نېمەتنى تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئۇنى گۇناھ ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىكتۇر. شۇنداق قىلغان كىشىلەرنىڭ رىزقىنى ئاللاھ تائالا كەڭ ۋە بەرىكەتلىك قىلىدۇ.

5.     گۈزەل ئەخلاق

رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان گۈزەل ئەخلاق تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. راستچىللىق، ۋاپادارلىق، سېخىيلىق، رەھىمدىللىق قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «رەھىمدىللىقتىن مەھرۇم قالغان ئادەم ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ» [6]دەپ كۆرسەتكەن. قۇرئان كەرىمدە پۇل-مال «ياخشىلىق»[7] دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا، يالغان ئېيتمايدىغان، سۆزىدە تۇرىدىغان، قولى كەڭ ۋە رەھىم-شەپقەتلىك كىشىلەرنىڭ بەرىكەت تاپىدىغانلىقى ۋە رىزقىنىڭ كەڭ بولىدىغانلىقى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان رېئاللىقتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار سودىدا راستچىل، ئامانەتكە ئىشەنچلىك ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن ئىش قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تىجارىتىنى كېڭەيتىدۇ. بىللە ئىش باشلىغان شېرىكلەرمۇ بىر-بىرىگە راستچىل، ۋاپادار ۋە ئىشەنچلىك بولسا ئۇلارنىڭ ئىشى روناق تاپىدۇ. چۈنكى، ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئىشىغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.

 

6.     سېخىيلىق

ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل-مالدىن ئائىلىسىگە ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە كەڭتاشا ئىشلىتىش رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى بەرسەڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[8]. ئاللاھ تائالا يەنە ھەدىس قۇدسىيدا «ئى ئادەم بالىسى! (ئېھتىياج ئىگىلىرىگە) بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن» دېگەن. تۇرمۇشىمىزدىكى رېئاللىقمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇكى، قولى كەڭ، سېخىي، مەرد كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسى خەجلىگەنسېرى كۆپىيىپ بارماقتا. ئەكسىچە، كۆپ مال-دۇنياسى بولسىمۇ، سىقىپ يالايدىغان پىخسىق كىشىلەر بەرىكەتتتىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى يا ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا پايدا بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مال-دۇنياسىنى ساقلاشنىڭ غېمىدە ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولماقتا.

7.     تەۋبە-ئىستىغپار

تەۋبە- قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىش، ئىستىغپار- ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئىككىسى كەڭ ۋە بەرىكەتلىك رىزىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ تۈرتكىلىك ئامىلىدۇر. ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(ئۇلارغا) ئېيتتىم: <رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ مال _ مۈلۈكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ»[9]. چۈنكى، رىزىقنىڭ تارلىقىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى گۇناھ-مەئسىيەتتۇر. شۇڭا گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان ئادەمنىڭ رىزقى كەڭ بولىدۇ.

8.     تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش

ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى يادەملەرنى سۇنۇپ ئۇلارنى خۇش قىلىش رىزىقنىڭ كەڭ ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىغا ئەلۋەتتە تۈرتكە بولىدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان كىشىلەرنىڭ نامراتلىشىپ قالغانلىقى ياكى خارلانغانلىقى كۆرۈلمىگەن. تۇرمۇشى، بەختلىك، باي-باياشاتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان كىشىلەر بولۇپ چىقىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى تەجرىبىلەر ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، ئابرۇيىنىڭ مەڭگۈ قېلىشىنى خالىسا، تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرسۇن»([10]).

9.     بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇش

بالدۇر ئۆيلىنىش يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋە بەرىكەت تېپىشنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆيلەنگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى باي قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ، ئۆيلىنىشكە لاياقەتلىك قۇل -چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ»[11]. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتكە ئاساسلىنىپ، «ئۆيلىنىش ئارقىلىق رىزىق تىلەڭلار» دېگەن. مۇشۇ ئايەتكە بولغان ئىمانى بىلەن ئۆيلەنگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالا چوقۇم كىشىلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ، تۇرمۇشىنى موللۇق ۋە بەرىكەت بىلەن بېيىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۈچ خىل كىشىگە ياردەم قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار: ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىد، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇلغا موھتاج بولغان ئادەم ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆيلەنمەكچى بولغان ئادەمدۇر»[12]. شۇڭا ياشلار پۇلسىزلىق سەۋەبلىك ئۆيلىنىشتىن قورقماسلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشى لازىم.

[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[2] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.
[3] تەلاق سۈرىسى: 2- ئايەت.
[4] ئەئراف سۈرىسى: 96- ئايەت.
[5] ئىبراھىم سۈرىسى: 7- ئايەت.
[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئادىيات سۈرىسى 8- ئايەت.
[8] سەبەئ سۈرىسى: 39- ئايەت.
[9] نۇھ سۈرىسى: 10-12- ئايەتلەر.
([10])  ھاكىم رىۋايىتى
[11] نۇر سۈرىسى: 32- ئايەت.
[12] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

 

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى