تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ختاي جامائەت خەۋپسزلىك مىنسترلىكى شۇ جاي ۋاقتى 27-فېۋرال سەھەردە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر «خىتاي پۇقراسىنى» ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. تايلاند باش مىنىستىرى بولسا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان سوئالغان جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ختاينىڭ شنخۋا ئاگېنىتلىقى، خەلق تورى، سۇمرۇغ قاتارلىقلار بۇ خەۋەرنى بەس-بەستە جەزىملەشتۈردى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 27-چېسلا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بۇ ئۇچرنى دەلىللىدى. ختاي ئۇلارنى «چېگرادىن قانۇنسز ئۆتكەن ختاي پۇقرالىرى»دەپ ئاتىغان.
ختاي ج خ مسنترلىكى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، «بۇ قېتىم قايتۇرۇلغان خىتاي پۇقرالىرى جىنايى گۇرۇھلارنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ، قانۇنسىز چېگرادىن چىقىپ تايلاندتا قالغان بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە زور زىيان يەتكەن، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى تېزرەك ۋەتەنگە قايتۇرۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن قايتا بىرلىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ياردەم تەلەپ قىلغان. قايتۇرۇش ئىشىغا تۈرتكە بولۇش خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلىي قوغدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئايرودرومدا «ئائىلىسى بىلەن جەم بولغانلىقى»نى تىلغا ئالغان.
خەلقئارا جەمئىيەت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى يىللاردىن بىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكنىڭ جەنۇبىي باڭكوك سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دىلوسى ھەققىدە سوت ئېچىپ، كېلەر قېتىملىق سوتنىڭ 27-مارت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى پېيتوڭتارن شىناۋاترادىن 48 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ بۇ مەسىلىنى تېخى ئەمەلدارلار بىلەن مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل مەسىلە، ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن قانۇن، خەلقئارا جەريان ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشى كېرەك».
تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر ساقچىلىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە بانكوكتىكى باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ باھا بېرىش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.
ختاي يەنە مۇنداق دىگەن:«بۇ قېتىمقى قايتۇرۇش خىتاي-تايلاند ئىككى دۆلەت قانۇنى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادەتكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قانۇنغا بويسۇنغان ھالدا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش قاتارلىق چېگرادىن ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىي قوغداش تەدبىرىدۇر. چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش پائالىيىتى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەت بولۇپ، نورمال چېگرادىن كىرىش-چىقىش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق سالىدۇ. خىتاي ساقچى ئورگانلىرى خەلقئارا قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش قاتارلىق چېگرادىن ھالقىغان قانۇنسىز جىنايى پائالىيەتلەر ئېلىپ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدۇ، قانۇن بويىچە خىتاي-چەتئەل كىشىلىرىنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك چېگرادىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، چېگرادىن كىرىش-چىقىش قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىي قوغدايدۇ.»
بۇ ئۇيغۇرلار 2014-يىلى خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چىققان ۋە تايلاندتا تۇتۇپ قالغان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 2015-يىلى تايلاند ھۆكۈمىتى 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئارقىدىن كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 180 دەك ئۇيغۇر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى. قالغان ئۇيغۇرلار بولسا شۇنىڭدىن بۇيان «قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلدى. بۇ جەرياندا، بىر ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر تۈرمىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
2025-يىلى 27-فېۋرال