تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى قاتتىق قارشىلىقلارغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
تايلاند ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى قايتا-قايتا رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەتلىرىدە دېرىزىلىرى قارا يوپۇقلار بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بىر نەچچە يۈك ماشىنىسىنىڭ باڭكوكتىكى بۇ ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە شىمالغا قاراپ شەھەرنىڭ دون مۇياڭ ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، بۇ ئاپتوموبىللار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.
تاراتقۇلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، مەخسۇس ئاجرىتىلغان خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەتىگەن سائەت 4:48 دە دون مۇياڭدىن ئايرىلغان بۇ ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش مەنزىلىنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان. 40 نەپەر ئۇيغۇر ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ باڭكوكتىن قوزغىلىپ ئۇدۇل قەشقەرگە يېتىپ بارغانلىقى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.
تايلاند باش مىنىستىرى پېيتوڭتارن شىناۋاترا ۋە ساقچى باشلىقى كىترات پېنفېت دەسلەپتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەي تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن بولغاندا خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. ساقچى باشلىقى كىترات مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، 40 نەپەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن. تايلاند تۈرمىسىدە 48 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، تايلاند ۋە خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 40 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ب د ت مۇساپىرلار ئالى مەھكىمىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇنتام ۋېچاياچاي (Phuntham Wechayachai)، خىتاينىڭ 27-فېۋرال قايتۇرۇلغان بۇ 40 ئۇيغۇرغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن تايلاندتىكى «خەلقلەر ھوقۇقىنى كۈچەيتىش فۇندى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك، 40 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىدە تايلاند ھۆكۈمىتىگە «ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە. چالىدا تاجارونسۇك 27-فېۋرال مۇنداق دىگەن: «تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. بىراق بىز ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقىنىڭ سىن خاتىرىسىنى سورىشىمىز كېرەك. چۈنكى، مەن ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان باياننامىدە ئۇلارنىڭ (خىتايغا) قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز».
تايلادنتا 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇردىن 43 كىشىنىڭ، بۇ يىل تايلاند سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى 14-فېۋرال تايلاندنىڭ جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ قېتىملىق سوتتا، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي، مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بەختىيار بۆرە گۇۋاھلىق بەرگەن. ھالبۇكى، 18-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق سوتتا، سوتچى تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ 27-مارت كۈنى سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن 11 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.
2025-يىلى 28-فېۋرال