مۇھەممەد يۈسۈپ
رامىزان ئۆزگىرىش ۋە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇش پەيتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ھەممىلا نەرسە ئۆزگىرىدۇ، ھەتتا جاماداتلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ، پەقەتلا ئىنسان ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ راھەت مۇھىتىنى تەرك ئېتىشكە ئۇنىمايدۇ. «كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ» دېگەندەك، ئۆزى كۆنۈپ قالغان ئادەتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ناۋادا ئىنسانلار ئۆزگەرسە دۇنيا ئۆزگىرەتتى، ئەھۋال ئۆزگىرەتتى، ھەتتا خەرىتىلەرمۇ ئۆزگىرەتتى. چۈنكى، ھايات ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ياتقانلارغا ئەمەس، ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەرگىلا ئەۋەتىدۇ.
بىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئىچىدە بولۇۋاتقان راھەتلىك مۇھىتىمىزنى تەرك ئېتىشنى خالىمىغانلىقتىن، ھەممە ئادەتلىنىپ قالغان «كېچىكىپ قالدىم» دىن ئىبارەت ئەرزان سۆزنى ئېيتىپ قويىمىز.
ئەپسۇسكى، كۆپىنچىمىز «كېچىكىپ قالدىم»، «بولمايۋاتىدۇ»، «قىلالمايمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىمىز ياكى ئۇلارنى كېچىكتۈرىمىز. ئەسلىدە بىز ھېچقانداق ئىشقا كېچىكىپ قالمىدۇق. چۈنكى جان تەندە بولغان مۇددەت ئىچىدە بىزدە ۋاقىت بار، پۇرسەت بار ۋە ئۈمىد بار. ئاتقان ھەربىر تاڭ بىزگە پۇرسەتلەرنى سۇنىدۇ، بىز ھەر كۈنى يېڭىدىن تۇغۇلىمىز. شۇڭا ھېچقانداق ئىش ئۈچۈن كېچىكىپ قالغان بولمايمىز.
ھەسەل ھەرىسى بىر گرام ھەسەل ئۈچۈن گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا 7000دىن كۆپ قېتىم ئۇچىدىكەن. مەھسۇلاتىنى ئاز كۆرۈپ ھەسەل بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدىكەن، كېچىكىپمۇ قالمايدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەھسۇلاتى ھەممىلا يەردە قىممەتلىك ئىكەن. بىز ھەمىشە گۇناھنى ۋاقىتقا ئارتىپ قويماقچى بولىمىز. بۇ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلغان چوڭ ھەقسىزلىقتۇر.
ئەسلىدە ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئەجىر قىلساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىزنى قورشايدۇ، كۆپلىگەن گۈزەل ئىشلارنى ئۆزىمىز تۇيماستىن ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە، بىرەر نەتىجە قازىنىشقا ئىنتىلمىگەن ئىنسان سۇ ئۈستىدىكى ئۆلۈك بېلىققا ئوخشاش ھاياتنىڭ بوران- چاپقۇنلىرى ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرىدۇ. ئالدىمىزدا ئىككى يول بار. بىرى، ئۆزىمىز تاللىۋالغان راھەتلىك مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماي، ئورنىمىزدىن مىدىرلىماسلىق، يەنە بىرى، ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ۋە قولىمىزدىن كەلگەن نەتىجىنى يارىتىشتۇر.
ھايات ئولتۇرغان يېرىدىن تۇرۇشنى خالىمايدىغان، باھانىلەرنىڭ ئارقىسىغا سىغىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن ئىنسانلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى ئورنىدىن تۇرغان ۋە ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىنسانلارغا ئەۋەتىدۇ.
- 2025 -يىلى 02 -ئاينىڭ 28 -كۈنى
- مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى