تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا دۇنيادىن ئىنكاسلار

تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى تايلاندنىڭ بانكوكتىكى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئايرودرومدا ئايروپىلاندىن چۈشكەندىكى كۆرۈنۈشنى كۆرسەتمەكتە.

تايلاندنىڭ 11 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەلچىخانىلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىشتى.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 27-فېۋرال تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتتا بۇ ئەھۋالدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىنى دەپسەندە قىلغانلىق» دەپ ئاتىغان.

باياناتتا يەنە قايتۇرۇلغان تەقدىردە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش ياكى باشقا ئېغىر زىيانلارغا ئۇچراش خەۋپى بار بولسا، قوغدىلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنى قايتۇرماسلىق كېرەكلىكى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى مەزكۇر پىرىنسىپقا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ: «ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە» دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە: «بىز تايلاندنىڭ كەم دېگەندە 40 ئۇيغۇرنى ئەدلىيە ھوقۇقى چەكلەنگەن ۋە ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كېلىدىغان خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرغانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەيمىز» دېگەن.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممىيمۇ تايلاندنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەن ۋە قاتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈيۈك بىرىتانىيە بۇ گۇرۇپپىنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە بايان ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىپ، ئەڭ ئاز 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنى خىتايدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە ئىتتەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھىندونېزىيە ياشلار شۆبىسى 29-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرغان.

مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى «ABIM»مۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە بۇ قارارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئېغىر ئەندىشە قوزغىغاندىن سىرت، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك دىققىتىنى تارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى كېڭىشى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئىنسانىي ھوقۇق ئاساسىدا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە، قامىلىشقا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

40 ئۇيغۇر 11 يىلدىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلدى 

26-فېۋرال تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتتى ۋە قايغۇغا سالدى.

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، 27-فېۋرال ئەتىگەن خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان. ئالدىنقى كۈنى كەچتە،  تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە بىر نەچچە ئاپتوبۇسنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى، مۇخبىرلارنى يېقىن كەلتۈرمىگەنلىكى ۋە سۈرەتكە تارتىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى، باڭكوكتىن قوزغالغان بىر ئايروپىلاننىڭ قەشقەرگە يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان. گەرچە خەۋەردە قايتۇرۇلغانلارنىڭ سالاھىيىتى، مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تايلاندتىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگەن.

نۆۋەتتە تايلاند ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ تايلاند دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، قالغان سەككىز ئۇيغۇرنىڭ تايلاند قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ قېتىملىق قايتۇرۇشتا ئون يىل ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا ساختا تەشۋىقاتقا ئالاھىدە كۈچىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەنگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان»لىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى. تايلاند مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ئەۋەتكەن بىر قىسقا سىننى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن بولۇپ، سىندا پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تايلاندنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى 26-فېۋرال كەچتە تۇيۇقسىز ھەرىكەت باشلاپ، ئۇيغۇرلار قامالغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى قورشىغان ۋە بۇ ھەرىكەتنى مەخپىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ھەتتا ئۇ يەرنىڭ خادىملىرىنىمۇ ئايرىم بىر جايغا ئون نەچچە سائەت نەزەربەند قىلغان، بۇ جەرياندا تېلېفونلىرىنىمۇ يىغىۋالغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سوتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

تايلاند ئۆزىنى قانداق ئاقلىدى؟

تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي (Phumtham Wechayachai) بولسا ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى «بۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئىشى، ھېچقانداق يامان نىيەت يوق. ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىن قۇتۇلۇشى ياخشى ئىش. شۇندىلا ئۇلار ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن، ئەر-ئاياللىرى بىلەن، پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇپ، نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

2025.02.28