ئېنېرگىيە يۇقۇملۇقتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەجدادلار ئېيتقان ھېكمەتلەرنىڭ ھىچبىرى بىكارغا ئېيتىلغان ئەمەس. «ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بولۇر» دېگەن سۆزمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ سۆزنى نەگە قويساق قويالايمىز. بىز بۇ سۆزدىن يولغا چىقىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشقان ئادەمگە ئۇلاردىن ئاكتىپ ئېنېرگىيە يۇقىدۇ، پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشقان ئادەمگە ئۇلاردىن پاسسىپ ئېنېرگىيە يوقىدۇ، دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. چۈنكى، ھاياتىمىزدا ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىجابىي ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى بىز ئۈچۈن نېمەت بولغاندەك، پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك سەلبىي ئىنسانلارنىڭ بولغانلىقى ۋابا ۋە شۇملۇقتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»[1] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان ئادىمىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئارىلىشىدىغان ئادىمىڭلارنى ياخشى تاللاڭلار»[2] دېگەن. ئامېرىكىلىق يازغۇچى جېمىس روھن «ئىنسان ئۆزى ئەڭ كۆپ ئارىلاشقان بەش ئىنساننىڭ يىغىندىسىدۇر» دېگەن ئىكەن. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىلىرىدىن ئاڭسىز ھالدا كۆپ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىجابىي كىشىلەردىن ئىجابىيلىقنى، سەلبىي كىشىلەردىن سەلبىيلىكنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئىجابىي، ئۈلگىلىك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ھاياتىڭىزدىكى ئىنسانلارنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈڭ

كۆڭلىڭىز بىئارام، ئۆزىڭىز ئۈمىدسىز، كۈنلىرىڭىز غەمكىن، روھىڭىز چۈشكۈن، ئىشلىرىڭىز نەتىجىىسىز ئۆتۈۋاتقان بولسا، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ ۋە ھاياتىڭىزدىكى دوستلارنى، ئارىلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈڭ، سىزگە ئېنېرگىيە بېرىۋاتقان كىشىلەرنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈڭ، ئاندىن پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنى ھاياتىڭىزدىن چىقىرىڭ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنى چىڭ تۇتۇڭ، ئۇلار بىلەن دوستلۇقىڭىزنى ۋە مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئىگە بولىسىز.

ئىجابىي كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسىڭىز:

-        ئۇلار روھىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ،

-        ئۇلار سىزگە ئىلھام بېرىپ تۇرىدۇ،

-        ئۇلار سىزگە قىيىنچىلىقلارغا ئەمەس، ھەل قىلىش چارىسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگىتىدۇ،

-        ئۇلار سىزگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېرىدۇ،

-        ئۇلار سىزنى يۇقىرىغا كۆتۈرىدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىڭىزنى يېڭىلايدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ ئۆز ئىشەنچىڭىزنى كۈلەندۈرىدۇ.

 

سەلبىي كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسىڭىز:

-        ئۇلار سىزنىڭ غەمكىنلىكىڭىزنى ۋە ئۈمىدسىزلىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ ئېنېرگىيەڭىزنى ئېمىدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ چارىلەر بىلەن بولۇشنىڭ ئورنىغا قىيىنچىلىقلار بىلەن قېلىشىڭىزغا سەۋەب بولىدۇ.

-        ئۇلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئوغرىلايدۇ،

-        ئۇلار سىزنى تۆۋەنگە تارتىدۇ،

-        ئۇلار سىزنىڭ روھىڭىزنى زەھەرلەيدۇ،

-        ئۇلار سىزنى غەمكىن قىلىدۇ.

 ئىجابىي ئىنسانلارنىڭ بىزگە قوشىدىغانلىرى بىلەن سەلبىي ئىنسانلارنىڭ بىزدىن ئالىدىغانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز مەيلى ياخشى ئۆتكەن بولسۇن ياكى ناچار ئۆتكەن بولسۇن، ئۇنىڭدا ھاياتىڭىزدىكى ئىنسانلارنىڭ چوقۇم تەسىرى بار. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز خالىمىغان بىرسى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، سەلبىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ پاسسىپ ئېنېرگىيەسىنى سىزگە مەجبۇرلاپ تاڭالمايدۇ، بۇ پەقەت سىز يول قويغاندا بولىدۇ. شۇڭا سىز ئۇلارغا يول قويماڭ، ئۇلارنى ھاياتىڭىزغا يولاتماڭ.



[1] تەۋبە سۈرىسى: 119- ئايەت.
[2] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.

 

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

2025-يىلى 25-فېۋرال