تايلاند ئەمەلدارلىرى خىتايغا تاپشۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان

خىتاينىڭ بانكوكتىكى باش ئەلچىخانىسى تارقاتقان رەسىمدە، تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ 27-فېۋرال قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن «تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولغانلىقى» كۆرسىتىلدى.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تايلاند ئەمەلدالىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. 

«بانكوك پوچتىسى» نىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى پولكول تاۋىسودسوڭ (PolCol Tawee Sodsong)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارس ساڭىيامپوڭسا (Maris Sangisapongsa) قاتارلىق ئۈچ كىشى 3-ئاينىڭ 18 كۈنى خىتايغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە بىۋاسىتە قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىدىكەن.

«تايلاند دۆلىتى» تاراتقۇسىنىڭ 4-مارت چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچاي شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، تايلاندىكى 40 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى قاماپ قويماسلىق ۋە قىينىماسلىققا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند تەرەپ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىگەن. تۈركىيە تەرەپ پەقەت ئاياللار بىلەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇمتام ۋىچاياچا يەنە ئۆزلىرىنىڭ 11 يىل كۈتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 48 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغان بولسىمۇ، تايلاندنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەپ، ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان.

2025-يىلى 5-مارت