ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى: «خىتاي ھەر قانداق ئۇرۇشقا تەييار»

ئامېرىكىدا دونالد ترامپ ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» قىززىق نۇقتا بولدى. ترامپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا باج قويدى ۋە بىر قسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى «ئېغىز جېىڭى»مۇ قىززىشقا باشلىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى» ئېيتتى. 

خىتاي ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى %20 كە ئۆستۈرۈش قارارى سەيشەنبە كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 4-مارت سەيشەنبە سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 10-مارتتىن باشلاپ، ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان توخۇ، بۇغداي، كۆممىقوناق ۋە پاختىدىن % 15 تاموژنا بېجى ئالىدۇ؛ چىلان، پۇرچاق، توڭگۇز گۆشى، كالا گۆشى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، مېۋە، كۆكتات ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن %10 تاموژنا بېجى ئالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشقا قاتناشقانلىقىنى باھانە قىلىپ ئامېرىكىدىكى 10 ئورۇننى ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت-ئېكىسپورت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ۋە خىتايغا يېڭى مەبلەغ سېلىشى چەكلىنىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: TCOM ۋە Stick Rudder Enterprises LLC قاتارلىق 10 شىركەت خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، تەيۋەنگە قورال سېتىش ياكى تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىغا چېتىشلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، شۇڭا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تاشقى سودا قانۇنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى يەنە 15 ئامېرىكا ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا فانتانىل ئەتكەسچىلىكىنى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 4-مارت چۈشتىن باشلاپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تاموژنا بېجىى % 20 كە يەتكەن. تىرامپ ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا، خىتاينىڭ «قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ​​كرىزىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش قىلمىغانلىقىنى» ئېيتتى.

خىتاي: «بىز ھەر قانداق ئۇرۇشقا تەييار»

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى X ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئۇرۇش بولسا، مەيلى تاموژنا ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ھەر قانداق ئۇرۇش بولسۇن، بىز ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا تەييار».

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئامېرىكا بىلەن «ئاخىرغىچە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جيەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويغان تاموژنا بېجى ھەققىدە توختىلىپ، «تاموژنا بېجى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ھەر قانداق ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

بۇ ترامپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان خىتايدىن كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر ئىدى. بۇ سۆزلەر خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭغا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يىغىلغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 5-مارت چارشەنبە كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇداپىئە چىقىمىنى بۇ يىل يەنە %7.2 ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لى چياڭ يەنە «بىر ئەسىردە كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرىغا چىقماقتا» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

2025-يىلى 6-مارت