تايلاند دائىرىلىرى «بەزى دۆلەتلەرنىڭ» ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تايلاند ھۆكۈمىتى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تايلاند ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تايلاندتا 11 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تايلاند دائىرىلىرى باشقا دۆلەتلەردىن تەكلىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلاپ كەلگەن تايلاند ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى بولسىمۇ خىتاي تەھدىتىدىن قورقۇپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راست چالېچان (Russ Chaleechan) مۇخبىرلارغا، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ تايلاندنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئاقلاپ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەكلىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: «بىز ئون نەچچە يىل كۈتتۇق، مەن نۇرغۇن چوڭ دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشتىم، ئەمما ھېچكىم ماڭا بۇ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى» دېگەن. ھالبۇكى ئۇ 2006-يىلىدىن 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ بۇ 48 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ئامېرىكىلىق ئەمەلدار سۆزىدە: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تايلاند ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە قايتا-قايتا تەكلىپ سۇندى. بىر مەزگىل بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئارىلاشتى» دېگەن.

دىپلوماتلار ۋە ئەھۋالدىن بىۋاسىتە خەۋەردارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادامۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق تەكلىپى بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خەۋەر مەنبەسى يەنە ئاۋسترالىيەنىڭمۇ پاناھلىق تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما تايلاند خىتاي بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىغان.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇس جالىچاندرا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى بايانلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئىلگىرى ھەقىقەتەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترا خىتايدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، «كۆپ تەرەپلىك ئىشەنچى» نى ئاشۇرۇش زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق تېما بولغان.

شىناۋاترانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا خىتاينىڭ بايتې دەنس گۇرۇھىغا قاراشلىق تىك-توك شىركىتى، كەلگۈسى بەش يىلدا تايلاندتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا 8 مىليارد 800 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

2025-يىلى 9-مارت