خىتاي كانادانىڭ بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغان

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي كانادانىڭ بىر قىسىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

خىتاي 8-مارت شەنبە كۈنى كانادانىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرى، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويغانلىقىغا قارىتا، كانادانىڭ قىچا يېغى، قورۇلغان تورت ۋە نۇقۇت قاتارلىق ھەر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم 2 مىليارد 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكلەرگە تاموژنا بېجى قويغان. بۇ ترامپ باشچىلىقىدىكى سودا ئۇرۇشىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىشى دەپ قارالغان. 

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى كانادانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان باجلىرى ھەققىدە «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىنى بۇزدى. بۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان كەمسىتىش تەدبىرى» دېگەن. 

شەنبە كۈنى خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، كانادادىن كەلگەن قىچا يېغى، مايدا پىشۇرۇلغان تورت ۋە نۇقۇتلارغا %100 باج ئېلىنىدىكەن، كانادادىن كەلگەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە توڭگۇز گۆشىگە %25 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىكەن.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر باج سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشكەن نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەھلىلچىلەر تاموژنا بېجى قويۇشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ترامپ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەگەر بۇ دۆلەتلەرمۇ خىتاي تاۋارلىرىغا %20 تاموژنا بېجى قويسا (ئامېرىكىنىڭ فېنتانىل مەسىلىسىدە خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىغا ئوخشاش)، ئامېرىكىنىڭ كانادا ۋە مېكسىكىغا قويغان %25 ئىمپورت تاموژنا بېجىنى بوشىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىشارەت قىلغان.

2025-يىلى 10-مارت