ياۋروپا پارلامېنتى تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ قارار لايىھەسى ماقۇللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قانۇن لايىھەسى» مۇزاكىرە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى مارت، ستراسبۇرگ، فىرانسىيە.

13-مارت كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارارنامە ماقۇللىغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تايلاندنى مۇساپىرلارنى ھاياتىي خەۋپى مەۋجۇت دۆلەتلەرگە قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.»

تايلاند ھۆكۈمىتى تايلاند تۈرمىسىدىكى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، 12-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قانۇن لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنغان. مۇزاكىرە يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە د ئۇ ق ئاخبارات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپتىخار تەڭرىقۇت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

 13-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قانۇن لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان. پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تايلاند ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى قارارنامىسى 57 گە قارشى، 482 بېلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ تايلاندتا تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پارلامېنت ئەزالىرى يەنە مۇنداق دېگەن: «تايلاند خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى توختىتىشى كېرەك، خىتاي چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەركىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى ۋە قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك.»

مەزكۇر قاراردا يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالغانلىقى، تايلاندنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى، تايلاند تۈرمىسىدە ھېلىھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىشى، قايتۇرۇلسا ئېغىر تەن جازاسى ۋە دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشنى توختىشى لازىملىقى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان.

2025-يىلى 13-مارت