بايانات: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشقا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلمىسى قويىدۇ

ئۇيغۇر ۋە قوغداشقا ئىھتىياجلىق باشقا مىللەت ياكى دىنىي گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارىتا ۋىزا چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى

ماركو رۇبئىو، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى

2025-يىلى 14-مارت

بۈگۈن مەن ئۇيغۇرلارنى ۋە ياكى قوغداشقا ئىھتىياجلىق باشقا ئىتنىك ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىشتە مەسئۇلىيىتى بولغان ياكى بۇ ئىشقا چېتىشلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا يېڭى ۋىزا چەكلەش سىياسىتىنى ئېلان قىلىۋاتىمەن. بىزنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىگە زەربە بېرىش ئىرادىمىز كەسكىن، چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردە قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ ۋە مەجبۇرىي غايىب بولىدۇ.

مەن بۇ سىياسەتنى دەرھال ئىجرا قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال تايلاندتىن 40 ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇلىشىغا مەسئۇل ياكى بۇنىڭغا قاتناشقان ھازىرقى ۋە سابىق ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش تەدبىرىنى يولغا قويدۇم.

خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىز دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز.

بۇ ۋىزا چەكلەش سىياسىتى «كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» نىڭ 212-ماددىسىنىڭ (a) (3) (C) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلىشىغا مەسئۇل بولغان ياكى ئۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى سابىق چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشىغا يول قويىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىمۇ بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى (U.S. DEPARTMENT of STATE)