ئامېرىكىدا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەمىنلىنىدىغان دۆلەتمەبلىغى توختىتىلغان

ئامېرىكىدا پرېزىدېنت ترامپ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان بىر قاتار ئىجرائىيە بۇيرۇقلىرىنى ئىمزالىغان ئىدى. شۇ قاتاردا، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئىمزالانغان بىر بۇيرۇققا ئاساسەن، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» (RFA) قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەمىنلىنىدىغان فېدېراتسىيە مەبلىغى توختىتىلغان. ھالبۇكى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پەقەت فېدېراتسىيە مەبلىغىگىلا تايىنىدىغان ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، مەبلەغنىڭ توختىشىشى بىلەن رادىئونىڭ ئاخبارات پائالىيەتلىرى توختاش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش ئورگىنى بولغان ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقى (USAGM) ۋە باشقا ئالتە فېدېراتسىيە ئورگىنىنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىر كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى شەنبە كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىلەن ئەركىن ياۋروپا راىئوسىغا بېرىلىدىغان مەبلەغ توختىتىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-مارت جۈمە كۈنى كەچتە چىقارغان ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (USAGM) تەركىبىدىكى «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن ئورگانلار» نى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقا بىر قانچە مۇستەقىل خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان فېدېراتسىيە ئاگېنتلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە مەزكۇر ئورگاننىڭ مەبلىغى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ؛ USAGM بۇ مەبلەغنى ئۆز تەركىبىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرىغا تەقسىم قىلىدۇ.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (USAGM)، مۇزېيلار، ئۆيسىزلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئورنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورنى ۋە باشقا تۈرلەر ئۈستىدە ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە باغلانمايدىغان ئالتە ئورگاننى «قانۇنغا ئەڭ ئۇيغۇن ھالەتتە» قىسقارتىشنى بۇيرۇغان.

15-مارت كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى كارى لېيك (Kari Lake) نىڭ ئىمزاسى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پىرېزىدېنتىغا ئەۋەتىلگەن مەخسۇس خەتتە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەمىنلىنىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئىشلىتىلمىگەن پۇللارنى تېزدىن قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ خەتتە يەنە كەلگۈسى 30 كۈن ئىچىدە بۇ توغرىلىق ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەركىبىدىكى «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلمىگەن»  ئاخبارات ئورگانلىرى نەزەردە تۇتۇلغان، ئەمما  ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ «مەۋجۇت بولۇشى قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلگەن» بولۇپ، «خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە قانۇنى» بويىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پەقەتلا فېدېراتسىيە مەبلىغىگە تايىنىدىغان ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ۋە قاچان توختايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 1996-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي تىلىدا ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا يەنە كانتون (گۇاڭدوڭ)، ئۇيغۇر، تىبەت، كورېيان، كامبودژا، ۋېيتنام، بېرما ۋە لائوس قاتارلىق توققۇز تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان كۆپ تىللىق رادىيو بولۇپ كېڭەيگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ 15-مارت كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بېرىلىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلىشى، ئەمەلىيەتتە دىكتاتورلارغا ۋە مۇستەبىتلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. بۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىنىڭ تاراتقۇ بوشلۇقىدا چەكلىمىسىز تارقىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى بۇ ئۇقتۇرۇش ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتقان 60 مىليونغا يېقىن ئاڭلىغۇچىنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىلىرىگە پايدا يەتكۈزىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە،، USAGM نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا يۈز مىليونلارچە ئاڭلىغۇچىسى بولغان 60 دىن ئارتۇق تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو ئىستانسىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى \ ئازادلىق رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭمۇ مەبلىغى 15-مارتتىن باشلاپ ئوخشاشلا توختىتىۋېتىلگەن. مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «كۇباغا ئاڭلىتىش» رادىيوسى 15-مارت شەنبە كۈنىدىن باشلاپ بارلىق خادىملىرىنى مائاشلىق شەكىلدە ۋاقىتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ باش دىرېكتورى مايكىل ئابراموۋىتز (Michael Abramowitz) ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىگە مۇنداق يازغان: «مەن بۈگۈن ئەتىگەن ‹ئامېرىكا ئاۋازى› دىكى بارلىق خادىملارنىڭ، يەنى 1300 دىن ئارتۇق مۇخبىر، پىروگرامما تەييارلىغۇچى ۋە مەمۇرىي خادىمنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار.»

2025-يىلى 17-مارت