تايلاندنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قارشى تەدبىرلىرىنىڭ تايلاندقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تايلاندتا 11 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 40 نەپىرى ئۆتكەن ئايدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ تايلاندنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تايلاند «مىللەت» گېزىتىنىڭ 17-مارت خەەر قىلىشىچە، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي (Phumtham Wechayachai ) دۈشەنبە كۈنى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا قارشى ھەرىكىتى تايلاندقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فۇمتام بۇ خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنىڭ تايلاندقا تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، مەتبۇئاتلارنى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنى ھەددىدىن زىيادە تەھلىل قىلماسلىققا چاقىرغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاللىقاچان ئېنىق بايانات ئېلان قىلدى، شۇڭا ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئەمەل قىلىڭلار. مېنىڭچە سەۋەبلەر يېتەرلىك، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پىكىر بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو قارارىدىن كېيىن، تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كاپالەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى» ۋە «بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئامانلىقىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
40 نەپەر ئۇيغۇر 27-فېۋرال باڭكوكتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلىرى بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن «جەم بولغان» رەسىمىنى تارقىتىپ، ئۇلار قىيىن-قىستاق ياكى ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىلەرنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.
2025-يىلى 17-مارت