تايلاندنىڭ مۇداپىئە ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرى « تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن» قەشقەرگە بارغان

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى 27-فېۋرال تۇيۇقسىز خىتايغا قايتۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىقلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىترى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. 

ئىگىلىنىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇتخام ۋاچاياچاي (Phumtham Wechayachai) بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋې سودسوڭ (Thawee Sodsong) باشچىلىقىدىكى تايلاند ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 19-مارت چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، بۇ يىل 27-فېۋرال تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

تايلاند «مىللەت» (The Nation) گېزىتىنىڭ 19-مارت خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى شۈ داتوڭ كۈتۈۋالغان، شۇنداقلا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «كۈندىلىك ئىشلىرى» غا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى چى يەنجۈن بىلەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە، خىتاي تەرەپ تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن. نۆۋەتتە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇردىن كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«مىللەت» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جىرايۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قەشقەردىن 100 كىلومېتىر يىراقتا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىدىغانلىقى، ھەر ئىككى گۇرۇپپىغا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلىش، يەرلىك مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇيغۇرلار بىلەن ئېكران سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشۈش، قەشقەر مېھمانخانىسىدا كەچلىك كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن.

تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىدە بىر گۇرۇپپا ئاخبارات خادىملىرىمۇ يەر ئالغان بولۇپ، «مىللەت» گېزىتى بۈگۈن بۇ زىيارەت ھەققىدە ئۇزۇن سەھىپىلىك خەۋەر ئىشلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تايلادنىڭ مۇداپىيە ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىدىن ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشكەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. مۇداپىيە مىنىستىرى پۇتخام ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزلىرىنىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنىي جەرياننى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتايدىن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە كاپالەت ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆمەكنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان يېقىنقى يىللاردا، نۇرغۇن قېتىم چەتئەل دىپلوماتلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى «شىنجاڭ زىيارىتى»گە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. 

2025-يىلى 19-مارت