ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنانىڭ پرېزىدېنتلىرى ئالدىنقى ئايدا ئاقسارايدا «قىزىرىشىپ» قالغاندىن كېيىن، 19-مارت چارشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشقان. سۆھبەتتە زېلېنسكىي روسىيە بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 18-مارت رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا «ئىنتايىن ياخشى» سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ترامپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەت (Truth Social) ئىجتىمائىي سۇپىسىدا بايانات ئىلان قىلىپ، ئۇنىڭ زېلېنسكىي بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ «روسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، گەرچە روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىققا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە قايسى نىشانلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى چەكلەنگەنلىكى يەنىلا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.
زېلېنسكىي بولسا ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ بەلكىم ئېنېرگىيە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى توختىتىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن بۇ ھەرىكەتنى قوللايمەن، ئۇكرائىنا بىزنىڭ بۇنى قىلىشقا تەييارلىقىمىزنى ئىسپاتلىدى» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مايك ۋالتىزنىڭ ئاقسارايدىكى باياناتىغا قارىغاندا، تىرامپ تېلېفوندا زېلېنسكىغا ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئىگىدارلىق ھوقۇقى» نى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئويلىشىپ بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، ترامپ «ئامېرىكا ئېلېكتر ۋە توك ئىشلىتىش تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ تىجارىتىگە نۇرغۇن ياردەم بېرەلەيدۇ، ئەگەر ئامېرىكا بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، بۇ ئۇل ئەسلىھەنى ئەڭ ياخشى قوغداش ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوللاش بولىدۇ» دېگەن.
زېلېنسكىي بۇ ھەقتە، سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولغان زاپورىجيا (Zaporizhzhia) يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئەسلىھەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپلا روسىيەنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا مەبلەغ سېلىپ رېمونت قىلسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرگە قارشى تۇرمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ترامپ بىلەن پۇتىن تېلېفونلاشتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 18-مارت سەيشەنبە كۈنى تېلېفوندا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىپ، روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
روسىيە مۇنداق دېدى: تىرامپ روسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ «30 كۈن ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، پۇتىن قوشۇلدى ۋە روسىيە ئارمىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇدى.
ئاقساراي باياناتىدا مۇنداق دېدى: تىرامپ بىلەن پۇتىن سۆھبەت جەريانىدا روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تىنچلىق ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ لازىملىقىنى تىلغا ئالدى، ھەر ئىككى تەرەپ مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىشتىن باشلايدىغانلىقىغا قوشۇلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىچنلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئاقساراي چارشەنبە كۈنى يەنە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە روسىيەنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، قىسمەن ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە روسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ياكى ئايرىم سۆھبەتلىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف ئامېرىكا-روسىيە سۆھبىتىنىڭ مۇشۇ يەكشەنبە (23-چېسلا) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئۆمىكىگە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋالتز ۋە رۇبىئونىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
2025-يىلى 20-مارت