ئىنساننىڭ ئۈچ تەرەپلىمىلىك مۇئامىلىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: [اتَّقِ الله حيثما كنتَ، وأتْبِعِ السَّيِّئَةَ الحسَنَةَ تَمْحُهَا، وخالِقِ الناسَ بخلُق حسن] «نەدىلا بولساڭ ئاللاھتىن قورققىن، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرگىن، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن»[1].

بۇ ھەدىس لەۋزى قىسقا، مەزمۇنى مول ھەدىسلەردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان، ئۆزى بىلەن بولغان ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پىرىنسىپىنى بايان قىلغان. ئىنسان ئۈچ تەرەپ بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالا بىلەن، ئىككىنچىسى، ئۆزى بىلەن، ئۈچىنچىسى، باشقىلار بىلەن بولىدۇ.

1.     بىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، يەنى ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش، ئۇنىڭ ھەمىشە بىز بىلەن بىللە بىللە ئىكەنلىكىنى، گەپ-سۆزلىرىمىزنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئويلىغانلىرىمىزنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمىغان ھالدا ئىش كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئىلمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەمىشە بىز بىلەن بىللىدۇر. ﴿وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ﴾ «سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئۇ سىلەر بىلەن بىللىدۇر»[2] دېگەن ئايەت بۇنى تەكىتلەيدۇ.

سىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەمىشە سىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە، ياخشى- يامان ھەممە ئىشىڭىزنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا ئاساسەن سىزدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىغان شەكسىز ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىنى ھاسىل قىلغان بولىسىز. سىز مەيلى كۈندۈزدە ياكى كېچىدە بولۇڭ، مەيلى ئادەم بار يەردە ياكى ھېچكىم يوق يەردە بولۇڭ، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەرىكىتىڭىزنى كۆرۈپ، سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا گۇناھ قىلىشتىن قورقىسىز. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىز سىزگە قاراپ تۇرغان زاتتىن ھايا قىلىسىز. بۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ دەلىلىدۇر.

2.     بىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز نەپسنى پاكلاش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق گۇناھلىرىمىزنى، يامانلىقلىرىمىزنى يۇيۇپ تۇرۇش بىلەن بولىدۇ. ﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾ «ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ»[3] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. گۇناھنى ۋە يامانلىقنى قىلىپ بولۇپ تەۋبە قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، بەلكى ياخشى ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئەقىل، ھايۋانلارغا نەپس ئاتا قىلغان بولسا ئىنسانلارغا ھەم ئەقىل ھەم نەپس ئاتا قىلغان. ئىنسان بۇ ئىككىسى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىمتىھانىغا سالاھىيەتلىك بولغان ۋە سىناق دۇنياسىغا ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان نەپس سايىسىدا بىز بىر قېتىم سەۋر قىلىش بىلەن، يەنە بىر قېتىم شۈكۈر قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىمىز. چۈنكى، ئىماننىڭ يېرىمى سەۋر، قالغان يېرىمى شۈكۈردۇر. بۇ ئىككىسى بىلەن ئىمانىمىز تولۇقلىنىدۇ. ناۋادا بىزنى گۇناھقا بۇيرۇيدىغان نەپسىمىز بولمىغان بولسا ئىدى، بىز بۇ ئىككى خىسلەتنى ھاسىل قىلالمىغان بولاتتۇق.

3.     بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بىراۋنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئىماننىڭ كامىللىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىمانى ئەڭ كامىل ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەمدۇر» دېگەن سۆزى بۇنى تەكىتلەيدۇ.

دىندارلىق بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ، ئەخلاق دىننىڭ يادروسى ۋە ئۇنىڭ غايىسىدۇر. پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاقنى تۈزەش، نەپسنى پاكلاشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى چۈشەندۈرۈپ، «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»[4] دەپ كۆرسەتكەن. قۇرئان كەرىمدە گۈزەل ئەخلاق ئىمان بىلەن قولداش، ئىبادەت بىلەن يانداش بولۇپ كەلگەن. مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ بېشىدىن توققۇز ئايەت، فۇرقان سۈرىسىنىڭ 63- ئايىتىدىن 68- ئايىتىگىچە مۇئمىنلەرنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئەخلاقى ماختالغان.

يۇقىرىقى ئۈچ تەرەپلىمە ئالاقە بىزدىن سەمىيمىلىكنى ۋە ئاكتىپلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[2] ھەدىد سۈرىسى: 4- ئايەت.
[3] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[4] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

2025-يىلى 20-مارت