تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى مەسئۇللىرىنىڭ 40 ئۇيغۇرغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغان، 2025-يىلى 19-مارت، (تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى).
تايلاند ئەمەلدارلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كېلىپ، ئالدىنقى ئايدا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەندىشىلەرنى پەسەيتىشكە ئۇرۇندى. تايلاند ئەمەلدارلىرى زىيارەتتىن بۇرۇن ۋە زىيارەت جەريانىدا خىتاينى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئۆمەك تەركىبىدىكى مۇخبىرلار چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»گە ماسلىشىپ بېرىش دەپ ئەيىبلەندى.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە قارىماستىن مەخپىي ھالدا 11 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. 27-فېۋرال كېچىدە، 40 نەپەر ئۇيغۇر مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن باڭكوكتىن بىۋاستە قەشقەرگە ئېلىپ كېتىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلىمۇ 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھېلىھەم مەجھۇل، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلغاندىن كېيىن قىيىن-قىستاق ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراش ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە چېتىشلىق تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىپ خەلقئارالىق ئاھانەتكە قالغان خىتاي دائىرىلىرى «تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋالنىڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىيە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ۋە بىر قىسىم تايلاندلىق مۇخبىرلارنى قەشقەرگە 3 كۈنلۈك زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، فۇمتام ۋېچاياچاي ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ سەپىرى ھارپىسىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىدە قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 5 نەپىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، قالغانلار ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىپ بولغان بولغاچقا ئۇلار بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
«باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە سۆز قىلغان پۇمتام ۋېچاياچاي كۆرۈشكەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا ئاساسەن تاللانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاينى ئاقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئويۇن ئويناپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلغان.
پۇمتام زىيارەت قىلىش جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى رەت قىلىپ: «ئۇلار بۇيرۇق بىلەن يىغلايدىغان ھوللىۋود ئارتىسلىرى ئەمەس. بىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۇلاردىن خۇشال ئىكەنلىكى سورالغاندا، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتلىرى تەبىئىي ئىدى» دەپ
ئىگىلىنىشىچە، تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان تايلاند مۇخبىرلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى باشلاپلا يۈرگەن ۋە ئۇلار تارتقا رەسىملەرنى كۆرۈشنى، ئۇلارنىڭ تەستىقىسىز ھەر قانداق رەسىمنى تايلاندقا يوللاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشقان تايلاند مۇخبىرى پرانوت ۋىلاپاسۇۋان فېيىسبۇكقا يوللىغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ تەقىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق يازغان: «تايلاند مۇخبىرلىرىغا بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەمراھ بولدى ۋە رەسىملەرنى تايلاندقا يوللاشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى». ئۇ يەنە، خىتاي خادىملىرىنىڭ رەسىمگە تارتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى غۇۋالاشتۇرۇشنى ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى رەسىمگە تارتماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 18-مارت كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارىتا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىدىغان بۇ زىيارىتىدە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تىرىشىشقا چاقىرغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا دىرېكتورى ئېلىئىن پېرسون مۇنداق دېگەن:
«شىنجاڭنى زىيارەت قىلىدىغان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن زىيارەتلىرىدە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە، ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. تايلاند ھۆكۈمىتى 40 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئاشكارا خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش سەۋەبلىك تۆكۈلگەن ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك» دېگەن.
2025-يىلى 21-مارت