خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا ئورگان تور بېكىتىدە پۇقرالار ئايرودۇرۇملىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنىڭ رەسمىي تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر-جاي ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشى، ھەتتا ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ناملارنى بېكىتىپ ئىشلىتىشى، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ئىسمى كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئىسىملارغا ئۆزگەرتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان زەربە دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان سىمۋوللۇق مەنىگە سۆزلەرمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتايچە تەلەپپۇزىغا ئاساسەن «تيانشان» دەپ ئۆزگەرتىلدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-مارت خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىل 23-ئىيۇل ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، بۇ ئايدا ئىسىم ئۆزگەرتىش تەستىقلانغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تيەنشان تاغ تىزمىسى خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئۆزگىچە سىمۋولى. ئۈرۈمچى ئايروپورتى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىلغان دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايرودرومنىڭ يېڭى تېرمىنال بىناسى تيەنشان تېغى تېمىسى بىلەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قار بىلەن قاپلانغان تاغلىرى ۋە قۇملۇقلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ».
«گېزىت» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2024-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئايرودروم گوروھى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئارقىلىق دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومىنى ئۈرۈمچى تيەنشەن خەلقئارا ئايرودرومىغا ئۆزگەرتىش تەكلىپى توغرىسىدا جامائەت پىكىرى تەلەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان بولۇپ، بۇ قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاللاشلار ئارىسىدا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى، ئۈرۈمچى تيەنشان خەلقئارا ئايرودرومى، ئۈرۈمچى ياشىن خەلقئارا ئايرودرومى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى (地窝堡国际机场) 1939-يىلى ياسالغان بولۇپ، 1971-يىلى تۇنجى قېتىم كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئايرودروم جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى دىۋوپۇ بازىرىنىڭ نامى قويۇلغان. چيەنلۇڭ دەۋرىدىلا، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر يېرىم يەر ئاستى ئۆيلەر بولغان ئۆڭكۈرلەرنى كولاپ، دىۋوپۇنىڭ ئىسمى بارلىققا كەلگەن. «堡» كۆپ تەلەپپۇزلۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئاسانلا خاتا تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىلى خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «خوتەن كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، قەشقەر ئايرودرومىنىڭ ئىسمى «قەشقەر لەينىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومى» دەپ رەسمىي ئۆزگەرتىلگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ناملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.
خىتاي خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن باھانە كۆرسىتىپ، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ 1931-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر بولغاچقا، ئايرودۇرۇم مەخسۇس نامى كەم بولۇپ، ئاتالمىش «تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش بەلگىلىمىسى»نىڭ 38-ماددىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاتالمىش خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن بۇ ھەقتە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى. دائىرىلەر يەنە «كۈنگاڭ» دېگەن نامنىڭ خىتاينىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن لياڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «مىڭ سۆزلۈك دەستۇر»دىكى «قاشتېشى كۈنگاڭدىن چىقىدۇ» دېگەن شېئىردىن نەقىل ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي تارىخىدا يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى تارىختىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ئادەتتۇر. خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ تاكى مەنچىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئۇزاق تارىختا يېڭىدىن ھاكىمەت بېشىغا چىققان خىتاي پادىشاھلىرى ئالدىنقى خانىدانلىق دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى نامايىش قىلىپ كەلگەن. مەنچىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىنى «دىخۇا»، باركۆلنى «جېنشى»، ماناسنى «سۈيلەي» دەپ ئاتىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
2025-يىلى 22-مارت