2025-يىلى 25-مارت، (سولدىن ئوڭغا) FBI نىڭ مۇدىرى كاش پاتېل، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دېرىكتورى تۇلسى گاببارد ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون راتكلىف كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان. (سائۇل لوب / AFP)
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ 25-مارت سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق تەھدىد باھالاش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي ۋە تور تەھدىتى يەنىلا خىتاي ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ 30 نەچچە بەتلىك يىللىق تەھدىد باھالاش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تەھدىتى توغرىسىدىكى قىسمى ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىگەن بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان، قالغانلىرى بولسا روسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە (چاۋشىيە) نىڭ تەھدىتى توغرىسىدا ئىكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي، روسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇ دۆلەتلەر ئېلىپ كەلگەن تەھدىدنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ يەرشارىدىكى كۈچى ۋە تەسىرىگە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى».
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خۇسۇسىي تارماقلار ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەر دۇچ كېلىۋاتقان «ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئىزچىل» تور تەھدىتى. ج ك پ كرىزىس ياكى توقۇنۇش جەريانىدا ھۇجۇم قىلىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ. دوكلاتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان «ۋولت تەيفېڭ بورىنى» خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇمىغا مىسال كەلتۈرۈلگەن. يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خاككېرلار گۇرۇپپىسى «تۇز تەيفېڭ بورىنى» نىڭ ئامېرىكا تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بولغان زىيىنى تىلغا ئېلىنغان. ھەمدە بۇ ئېنىقلا «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.
دوكلاتتا تور تەھدىتىدىن باشقا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە كۈچلۈك ھەربىي تەھدىد» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ئارمىيىسى چوڭ تىل مودېللىرى (LLM) ئارقىلىق ئۇچۇر ئالدامچىلىقى ھۇجۇمى پەيدا قىلىشى، ساختا خەۋەر ياسىشى، شەخسلەرنى دورىشى ۋە تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئىگىلىنىشىچە، دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈنى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى تەھدىدلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
دۆلەتلىك ئىستىخبارات دېرىكتورى تۇلسى گاببارد (Tulsi Gabbard) ئاخبارات كومىتېتىغا: «خىتاي كومپارتىيىسى ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچىسى» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئارمىيىسى ئاۋاز تېزلىكىدىن يۇقىرى قوراللار، كۆرۈنمەس ئايروپىلان، ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتى، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بوشلۇق ۋە تور ئۇرۇش مۈلكى ۋە تېخىمۇ چوڭ يادرو قورال ئامبىرى قاتارلىق ئىلغار ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا».
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون راتكىللېف (John Ratcliffe) ئاخبارات كومىتېتىغا، خىتاينىڭ تاپاۋىتى كۆپ شىركەتلىرىگە زەربە بېرىشنى خالىمىغاچقا، فېنتانىلغا ئىشلىتىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىنى توسۇش ئۈچۈن پەقەت «ئىزچىل» تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئىستىخبارات دوكلاتىدا يەنە خىتاي ئېلىپ كەلگەن باشقا تەھدىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا: «خىتاينىڭ بىر قانچە مۇھىم ماتېرىياللارنى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى ھۆكۈمرانلىقى ئامېرىكىغا ئالاھىدە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق تەھدىتى تىلغا ئېلىنىپ مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: 2025-يىلى، خىتاي تەيۋەنگە تېخىمۇ زور بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن. بېيجىڭ داۋاملىق تەيۋەننى يېتىم قالدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بېيجىڭنىڭ «بىرلىشىش» نىشانىنى قوللاشقا قىستايدۇ. 2016-يىلدىن باشلاپ، تەيۋەننىڭ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلىتى 22 دىن 12 گە چۈشۈپ قالدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دوكلاتتا يەنە خىتاي دۇچ كەلگەن ئېغىر ئىچكى خىرىسلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار چىرىكلىك، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە كومپارتىيىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى قانۇنلۇقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مالىيە ۋە ئىقتىسادىي بوھران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2025-يىلى 25-مارت