مۇھەممە يۈسۈپ
1. قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭ!
ئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةِ ٱلۡقَدۡرِ. وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا لَيۡلَةُ ٱلۡقَدۡرِ. لَيۡلَةُ ٱلۡقَدۡرِ خَيۡرٞ مِّنۡ أَلۡفِ شَهۡر. تَنَزَّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ فِيهَا بِإِذۡنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمۡرٖ. سَلَٰمٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطۡلَعِ ٱلۡفَجۡرِ﴾ « شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. شۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن، (تەقدىر قىلىنغان) ھەممە ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئامانلىققا تولغان كېچە بولىدۇ » (قەدىر سۈرىسى).
دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.
ئىمام مالىك « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇزات ئۇممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۇممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان » (« ئەلمۇۋتتەء»).
2. ئاللاھ تائالادىن تىلەشتىن زېرىكمەڭ!
ئىنسانلاردىن ھاجەتلىرىڭىزنى سورالايسىز. ئەمما بىر ياكى ئىككى قېتىم بېرىدۇ، ئۈچىنچى قېتىم سورىغىنىڭىزدا بەرمەسلىكى ۋە سىزدىن زېرىكىپ يىراقلىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشىگە يامانلىق قىلىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ تائالادىن قانچە كۆپ تىلىسىڭىز شۇنچە كۆپ بېرىدۇ ۋە تىلىگەنلىكىز ئۈچۈن سىزدىن مەمنۇن بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ھەققىگە گۇناھ سادىر قىلغان بولسىڭىزمۇ بېرىدۇ، سىز ئۇنىڭدىن تىلىگەنسېرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىسىز.
دۇئانىڭ قوش پايدىلىرى
بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولۇپ، بەندىنىڭ تىلىكى ئۆز ۋاقتىدا ھەل بولىدۇ.
بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى بەندە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالارنى ئاشۇ بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇ ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىىپ بېرىدۇ.
يەنە بەزى دۇئالار بۇ دۇنيادا ئىجابەت بولماي، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن دەسمايە ئورنىدا ساقلاپ قويۇلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئەسقاتىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ كۆپ پۇل-مالغا ئىگە بولۇشنى ياكى كاتتا مەنسەپدار بولۇشنى تىلىسە، ناۋادا ئۇنىڭ تىلىگەنلىرى بېرىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭغا زىيانلىق بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكتىن ئۇنىڭ تىلىگەنلىرىنى بۇ دۇنيادا بەرمەيدۇ ۋە ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنى رازى قىلىدۇ.
يەنە بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغانلىقتىن ئىجابەت بولمايدۇ، ئەمما دۇئا قىلغۇچى ئاشۇ دۇئاسى سەۋەبلىك بالا-قازادىن ساقلىنىپ قالىدۇ ياكى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
دۇئا دېگەن قىلسىمۇ بولىدىغان قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس
ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس، ياكى ئارتۇقچە بىر ئىبادەت ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ﴿ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ﴾ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دەپ كۆرسەتكەن. ئاندىن ئارقىدىنلا ئاشۇ ئايەتكە ئۇلاپ، ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ «كىمكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتىدىكەن، ئۇ خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: كىمكى ماڭا دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماڭا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇ ئاخىرەتتە خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
3. قەدىر كېچىسىدىمۇ مەغپىرەتكە ئېرىشەلمەسلىكتىن قورقۇڭ!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى قەدىر كېچىسىنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب كۈتكەن ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، قەدىر كېچىسىدە بارلىق گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئەمما بىرلا گۇناھ مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، قۇل ھەققىدۇر.
يۇقىرىقى ھەدىس ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلغان گۇناھلىرىنى چۈنكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ «قىل»، «قىلما» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق گۇناھلىرىنى بۇ كېچىدە چوقۇم مەغپىرەت قىلىدۇ. ئەمما ئىنساننىڭ ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى شۇ ئىنسانلار كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەققىدۇر. ما بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.
ئۈستىدە بىراۋنىڭ ھەققى بولغان ئادەم ئۇنى ئادا قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇلۇغ قەدىر كېچىسىدىمۇ ئېرىشەلمايدۇ. ئىمام مۇسلىم «سەھىھ مۇسلىم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان: «خەيبەر ئازاد بولغان كۈنى ساھابىلەردىن بىر قانچە كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇرۇشتا پىداكارلىق كۆرسەتكەن مۇجاھىدلارنى ماختاشقا باشلىدى ۋە ‹پالانى شېھىتتۇر›، ‹پالانى شېھىتتۇر› دەپ بىر قانچە كىشىنى ساناپ چىقتى، ئاندىن يەنە بىر ئادەمنىمۇ ‹بۇ ئادەم شېھىتتۇر› دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ياق، مەن ئۇ ئادەمنى غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان بىر چاپان سەۋەبلىك دوزاختا كۆردۈم› دېدى».
ئىمام مۇسلىم يەنە ئۆزىنىڭ «سەھىھ مۇسلىم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان: «شېھىتنىڭ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، پەقەتلا كىشىنىڭ ھەققى قالىدۇ». شېھىت جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەمەلى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مىڭلارچە قەدىر كېچىسىدىن ۋە مىڭلارچە ھەجدىن ۋە مىڭلارچە دوللار سەدىقە قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى شېھىت ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنىنى ئاللاھ يولىغا سېلىپ تۇرۇپ ئۇرۇشىدۇ.
قىلمىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، ئۇ ﴿الذُّنُوبَ﴾ «گۇناھلار» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى، مەخلۇقاتقا قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىش بولۇپ، ئۇ ﴿السَّيِّئَاتِ﴾ «يامانلىقلار» دەپ ئاتىلىدۇ. گۇناھلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاسىتە مەغپىرەت قىلىدۇ. ﴿إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ « ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ»[1]. ئەمما يامانلىقلارنى يامانلىق قىلىنغۇچىلار كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىدۇ. ﴿فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ﴾ «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»[2] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. ﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾«ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ»[3] دېگەن ئايەت بىراۋغا يامانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىپ رازىلىقىنى ئېلىش ئارقىلىق يامانلىقنى يۇيۇغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى تاھىر ئاشۇر ئۆزىنىڭ «التحرير والتنوير» ناملىق تەپسىرىدە مۇئمىنلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ﴿ رَّبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ﴾ «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئايەتتىكى ﴿الذُّنُوبَ﴾ «گۇناھلار» ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھلارنى، ﴿السَّيِّئَاتِ﴾ «يامانلىقلار» بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش كېرەك».
[1] زۇمەر سۈرىسى: 53- ئايەت.
[2] مائىدە سۈرىسى: 39- ئايەت.
[3] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى
2025-يىلى 26-مارت