25-مارت، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى سۇخاس سۇبرامانيام (Suhas Subramanyam)، مارىيا ئېلۋىرا سالازار (Maria Elvira Salazar) ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى گرېگورىي مېيكىس (Gregory Meeks) دۆلەت مەجلىسىدە پارتىيە ھالقىغان قانۇن لايىھىسى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنى» نى قايتا تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھىسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەۋقۇلئاددە مۇساپىر دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلىشىنى تېزلىتىش تەشەببۇس قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لاھىيەسى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى مارتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەنىڭ 12 ئەزاسى ئورتاق قوللىغان بۇ قانۇن لاھىيەسىدە خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا P-2 ئالاھىدە ئېتىبار سالاھىيىتى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر بۇ قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ پرېزىدېنت ترامپ قول قويسا، ئۇ قانۇنغا ئايلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاناھلىق تاپالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىق قىلىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.
سۇخاس سۇبرامانيام بۇ قانۇن لاھىيەسىنى تونۇشتۇرۇش سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق زىيانكەشلىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىدۇر. مەن ئۆزەمنىڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەن ئادەم ئويلاپمۇ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ئۈچۈن تېزدىن كۆچمەن ياكى پاناھلىغۇچى سالاھىيىتى بېرىدىغان بۇ ئىككى پارتىيە تەڭ قوللىغان تىرىشچانلىققا يېتەكچىلىك قىلغىنىمدىن پەخرلىنىمەن» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى مارىيا ئېلۋىرا سالازار سۆزىدە، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بولسا بىز شاھىت بولغان ئەڭ ۋەھشىي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىرىدۇر. بىز چوقۇم شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ۋە تەن جازاسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالايدىغان ئۇيغۇر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى گرېگورى مىكس بۇ قانۇن لاھىيەسىنى قوللاپ، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ قوغدىنىش بېرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى» دەپ بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، گېرالد كوننوللى، جىل توكۇدا، دون بېئې، براد شېرمان ۋە زاكارى نۇنن قاتارلىق باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ قانۇننى تەشۋىق قىلىشقا قاتنىشىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى كۆرسەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سودا قىلماسلىق (NBWG) قاتارلىق بىر قاتار تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى ئۇيغۇرلارنى ئالدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۈچىنچى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى زىيانكەشلىك، تۈرمە ۋە قىيناشتىن ساقلايدىكەن.
2025-يىلى 28-مارت