ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) نىڭ 2025-يىللىق دوكلاتى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى دۇنيادىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. دوكلاتتا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ۋە «خىتايلاشتۇرۇش» (sinicization of religion) سىياسىتىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى 2024-يىلىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مىزانىغا ئەمەل قىلىشنى رەت قىلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي دۆلىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ج ك پ سىياسىي ئىدىيىسى ۋە سىياسىتىگە تولۇق سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئالاھىدە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى بۇ زالىم سىياسەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. 3-ئايدا، ج ك پ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ج ك پ نىڭ ئىدىيىۋى تەلىپىنى ئورۇنداشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئەھۋالنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىنى خىتايچە پاسون بىلەن ئالماشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ئۈچۈن مەسچىت ۋە باشقا دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى ئەتراپىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىنىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۈرمىگە تاشلايدۇ. خەير-ساخاۋەت ئىئانە قىلىش ياكى دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. مەسىلەن، 96 ياشلىق ئىمام ئابىدىن داموللام 2-ئايدا 9 يىل تۈرمىدە ياتقان مەزگىلدە تۈرمىدە قازا قىلغان. ئابىدىن داموللام «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
دۆلەت ھالقىغان بېسىم
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت دىئاسپورالىرىغا قارىتىلغان بېسىم ۋە تەھدىدلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى بۇ جەمئىيەتلەر داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى كىىشىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىلەرگە قارىتىلغان تەھدىد، قارا چاپلاش ۋە كۆزىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستانغا قىلىنغان زىيارەتلەر ئارقىلىق، خىتاي بۇ رايوندا سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇشقا ۋە خەلقئارا تەنقىدنى چەتكە قاقماقچى بولۇۋاتىدۇ.
دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى سان فىرانسىسكودا زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرىنىڭ نامايىشىغا قارشى زوراۋانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قوللىغان دىئاسپورا گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت جەمئىيەتلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغان پائالىيىتى دەپ قارالغان.
خەلقئارالىق ئىنكاس ۋە تەۋسىيەلەر
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەزى تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئۈچۈن يېڭى قانۇنلارنى چىقىرىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2018-يىللىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى ۋە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قانۇنىدا چىقىرىلىدىغان بەلگىلىمىنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىندى.
2025-يىلى 29-مارت