تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئەركىن سودا سۆھبىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىر فۇمتام ۋېچاياچاي ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭ 20-مارت شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىلەن كۆرۈشكەن. (تايلاند ھۆكۈمتىى)

بۇ يىل 27-فېۋرال كېچىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. نۆۋەتتە، بۇ ئىشنىڭ تايلاند بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى (FTA) نىڭ سۆھبەت مۇساپىسىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەيئىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە سودا مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ تايلاندنىڭ خەلقئارا سودىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاشقا باشلىغان.

كومىتېت رەئىسى سىتىفول ۋىبونتاناكۇل (Sittiphol Viboonthanakul) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش ۋەقەلىرى تايلاندنىڭ خەلقئارا سودا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئەمما بۇنىڭ كونكرېت دائىرىسى ئېنىق ئەمەس. ئۇ يەنە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى كېچىكتۈرەمدۇ ياكى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا كىرىش تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق بۇنى ئەستايىدىل باھالاشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا قارىتا، ئامېرىكا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ياۋروپا پارلامېنتى بولسا تايلاندنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ تايلاندنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تايلاند سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى تەنقىدكە قارىتا، تايلاندنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن ئون يىلدا قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش قاتارلىق خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەر يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قوللىنىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى مىسال قىلىپ، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىگە كىرگۈزمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، تايلاند ئەمەلدارلىرى يېقىندا قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا «ياخشى مۇئامىلە» قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش دەپ ئەيىبلەندى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ زىيارەتنىڭ تايلاندنىڭ خەلقئارادىكى تەنقىدلەرنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئەركىن سودا سۆھبىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى پەسەيتەلەمدۇ يوق بۇنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

2025-يىلى 29-مارت