ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ياكى ھۆددىگەرلىرىگە قارىتا ئىشتىن بوشىتىش، خادىم قىسقارتىش، ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى مائاشسىز رۇخسەتكە قويۇپ بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىنى» چەكلىدى، ھەمدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «تىپىك بىر ئۆز بېشىمچىلىق ۋە خالىغانچە قارار چىقىرىش دېلوسى» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكىدا ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىندا تويۇقسىز مەمۇرىي بۇيرۇق چىقىرىپ، ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن پايدىلىنىۋاتقان بىر قىسىم «تاپاۋەتسىز» ئورگانلارنى قىسقارتىشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقى (USAGM) قارىمىقىدىكى ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا راىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ سەۋەبلىك خادىم قىسقارتىش ياكى پۈتۈنلەي تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭمۇ بۇ سەۋەبلىك پائالىيەتتىن توختاش مۇمكىنچىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نيويوركتىكى بىر سوت مەھكمىسى 28-مارت جۈمە كۈنى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى (VOA) نى تارقىتىۋېتىش ھەرىكىتىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمەت مالىيەسى بىلەن مېڭىۋاتقان بۇ ئورگاننىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىشنى چەكلىگەن.
سوتچى جامېس پائۇل ئوتكېن (James Paul Oetken) ۋاقىتلىق بۇيرۇق چىقىرىپ، ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا ئاۋازى (VOA) خىزمەتچىلىرى ياكى ھۆددىگەرلىرىنى «ئىشتىن بوشىتىش، قىسقارتىش، ۋاقتىلىق توختىتىش ياكى مائاشسىز رۇخسەتكە قويۇپ بېرىش» تەدبىرى قوللىنىشىنى چەكلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن 1200 خىزمەتچى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تىرامپ مەبلەغ كېمەيتىش بۇيرۇقى سەۋەبلىك ۋاقتلىق ئىشتىن توختىتىلغان.
بۇ قاراردا يەنە VOA ئىشخانىلىرىنى تاقاش ياكى چەتئەلدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىش چەكلەنگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قارار يەنە ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىغا بېرىلىۋاتقان مەبلەغ توختىتىشىنى توسىدۇ. بۇ ئاخبارات ئورگانلىرى ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى / ئازادلىق رادىئوسى (Radio Free Europe/Radio Liberty)، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى (Radio Free Asia) ۋە ئەركىن ئافغانىستان رادىئوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئورگان پەيشەنبە كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، ۋاشىنگتوندىكى بىر سوتچىنىڭ بۇيرۇقىدىن كېيىن ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ مەبلىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتى ئاندرېۋ گې سېللى: «بۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ تۇنجى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى، شۇنداقلا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا پۈتۈنلەي سەل قارىشىغا بېرىلگەن بىر تەنبىھ» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەرزنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئىشچىلار ئويۇشمىسى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» (RSF) بىرلىكتە سۇنغان. ئۇلار VOA نى تاقاش خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ بىرىنچى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىسى ئارقىلىق قوغدىلىدىغان سۆز قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىگەن.
2025-يىلى 31-مارت