ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ۋە تىبەتتىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى

سولدىن ئوڭغا: خوڭكوڭ ساقچى كومىسسارى رايموند سىيۇ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرى كاتىپى لام تىڭ كۇك، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئاۋ چىخوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى دوڭ جىڭۋېي.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31-مارت دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ۋە تىبەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشلارغا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دونالد ترامپنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزۈشى ئىكەن. 

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو دۈشەنبە كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكا تەدبىر قوللىنىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەت رايونىغا كىر شىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قوشۇمچە ۋىزا چەكلىمىسى قويدى دېدى.

رۇبىئو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بەك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيىسى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى، ژۇرنالىستلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە خىتايدىكى باشقا تىبەت رايونلىرىغا كىرىشىنى رەت قىلدى، ھالبۇكى خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى ئامېرىكىدا كەڭ زىيارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى.

باياناتتا ھېچ قانداق بىر ئەمەلدارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن «دېموكراتىيەنى قوللايدىغان 19 پائالىيەتچىنى قورقۇتۇش، جىمىقتۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش» قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتچىلەر ئىچىدە بىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە تۆت ئامېرىكا ئاھالىسى بار ئىكەن.

رۇبىئو بۇنىڭدىن ئىلگىرى تايلاند ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئايرىم بىر قاراردا، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارغا چېتىشلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ ساقچى كومىسسارى رايموند سىيۇ چاك يې (Raymond Siu Chak-yee) ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى پائۇل لام (Paul Lam) قاتارلىق ئالتە نەپەر خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»غا ئاساسەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە خوڭكوڭدىكى ئاممىۋى ئەركىنلىكنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچى كومىسسارى رايموند سىيۇ چاك يې ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان جازا دائىرىسىدە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا ساقلىغان ھەر قانداق بايلىقى توڭلىتىلىدۇ ھەمدە ئومۇمەن ئۇلار بىلەن بولغان پۇل-مۇئامىلە سودىسى ئامېرىكا قانۇنى بويىچە جىنايى قىلمىشلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

رۇبىئو باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ جازا «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلەرنى قوغدىلىدىغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىشقا، شۇنداقلا ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياكى ئامېرىكا خەلقىگە قارشى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش ۋەدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، ئىمبارگو تىزىملىكىدە خوڭكوڭ ساقچى كومىسسارى رايموند سىيۇ چاك-يې، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ئەمەلدارى پائۇل لام، خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى سوننىي چى كۋوڭ ئاۋ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دوڭ جىڭۋېي، ساقچى ئىشلىرى ياردەمچىسى دىياڭ چۇڭ چۇڭ ۋوڭ بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون لى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

2025-يىلى 31-مارت