ھىندىستان تاراتقۇسى: خىتاي يەتتىگە بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

«يېڭى ھىندىستان تېز گېزىتى»

ئاپتور:  ياتىش ياداۋ (Yatish Yadav)

خىتاينىڭ بالقانلىشىشى(balkanisation)[1] قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىش بولۇپ قالدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاتالمىش ئىتتىپاقلىق ئۈچىلا گوروھ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ بىر مەيدان ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەت يەتتە مۇستەقىل تېررىتورىيەگە پارچىلىنىدۇ.

جياڭ زېمىن باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گوروھى بىلەن خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى بېيجىڭ گوروھى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى جېنجياڭ گوروھى بىلەن يوشۇرۇن ئۇرۇشقا كىرىۋاتىدۇ. ھەر بىر گوروھ مەينەت سىياسىي ئويۇندا باشقىلارنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. سەھنىنىڭ ئارقىسىدا بولسا، ئەمگەك كۈچ بازىرى تەۋرىمەكتە؛ ھازىرقى ھاكىمىيەتكە قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالماقتا. لېكىن بۇلار دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مېدىيادا ئاساسەن تىلغا ئېلىنمايدۇ.

خىتايدىكى پاراكەندىچىلىكنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئانالىزچىلار بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يېقىلىشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى، ئۆكتىچىلەرگە قارشى مىسلىسىز باستۇرۇش، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ غايىب بولۇشى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا غايەت زور بىر قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

«ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بولغان قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا، خىتاي ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن يۈزلىگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دائىر خەۋەرلەرنى غەلبىلىك قامال قىلدى. لېكىن، بىر قىسىم يەر ئاستى پائالىيەتچىلىرى بىزنى كومپارتىيەنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى بۈيۈك بىر ئىسيان كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىدى.»

«خىتاي ئاخىرى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى: خىتايدىكى بىر مەيدان ئىنقىلابتىن كېيىن، شىنجاڭ، مانجۇرىيە، خوڭكوڭ، تىبەت، چېڭدۇ، جاڭجۇڭ ۋە شاڭخەي ئەركىن دۆلەتلەرگە ئايلىنىدۇ.» ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كۈچەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاي – ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى يادرو تەھدىتىگە بۇراپ، شى جىنپىڭ ئۈچۈن قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئادۋوكات تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆچەكىشىشنى ئۇلغايتماقتا، شى جىنپىڭ بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان قوللاش بازىسىنى كۈچەيتمەكتە.

تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ھىنىدستانغا قارشى بەزى نامايىشلار كومپارتىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى تىنچ ھالدا خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇش لايىھەسى تۈزمەكتە.

«بۇ بەش يىلدا بولامدۇ ياكى 10 يىلدىمۇ بىلمەيمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز ساقلاۋاتمايمىز، ئەكىسچە 1989- يىلىدىكىدەك ئىنقىلابتىن يەنە بىرىنى قوزغاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. گەرچە شى جىنپىڭ ھاكىيمىيىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە بلوگلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەتچىلەر ۋە ئادۋوكاتلار باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ ئىنقىلابقا ياردەم بەرمەكتە.» دېدى تېڭ بياۋ.

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ مۇتلەق مونوپوللۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، لېكىن بىز 2000- يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق گوروھلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلاب ئۆزىمىزگە ئىنقىلاب قىلىش ئىمكانىيىتى ياراتتۇق. شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كومپارتىيە يەنە پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى كىرىزىسقا ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە.»

«تېخىمۇ كۆپ كىشى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلىۋاتىدۇ. نامراتلار بىلەن بىر ئۇچۇم بايلار ئارىسىدىكى ھاڭ كېڭىيىۋاتىدۇ. پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە شى جىنپىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بولغان كىشىلەرلا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇ دەل كىشىلەرنىڭ كومپارتىيەدە بىر سىياسىي ئىسلاھاتنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى، لېكىن ئۇلار يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىشنى ئويلايدۇ.» دېدى تېڭ بياۋ. ئۇ ئىلگىرى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان.

خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دا باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم نۆۋەت تىلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ خوتەن رايونىدا بۇ يىل 7- ئاينىڭ باشلىرىدا باشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەردىن ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقىرىپ، خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، «بۇ رامىزاندا روزا تۇتۇش چەكلەنگەندىن كېيىنكى يەنە بىر زەربە. ئۆتكەن ئالتە – يەتتە ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ پات يېقىندا پارتلايدىغاندەك قىلىدۇ.» مانجۇرىيە باشقا بىر كرىتىك نۇقتا بولۇپ، 2008- يىلى باشلانغان ئەمگەك كۈچى بازىرى قالايمىقانچىلىقى ئومۇمىيۈزلۈك توپىلاڭغا ئايلانماقتا. 2010 ۋە 2011- يىللىرى ھۆكۈمەت 15 مىڭدىن ئارتۇق دېموكراتىيە نامايىشى ۋە قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى ئىزچىل ئاشماقتا.

دوكلامدا ئۆچەكىشىش داۋاملىشىۋاتقان بىر شارائىتتا، يەر ئاستى پائالىيەتچىلىرى ئىيۇل ئېيىدا شىنجاڭدا 137 قانلىق قارشىلىق ۋەقەسى بولغانلىقى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىدى. سانلىق مەلۇماتلار، پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىغا قارىماستىن، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت قېتىم ھاكىمىيەتكە قارشى پائالىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، ئوخشاش ۋاقت ئىچىدە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چېڭدۇدا 103 قېتىم نامايىش بولغان بولۇپ، كۆپىنچىسى دېموكراتىيە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ دېڭىزغا دەپنە قىلىنىشى بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خوڭكوڭدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نامايىشلار ئەۋج ئالدى.

خوڭكوڭدىكى پائالىيەتچى ۋە ئادۋوكات خاڭ تۇڭچوۋنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يىمىرىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز بولىدۇ، بۇنى ئۆزىنىڭ بيۇكرات تۈزۈلمىسى ۋە گوروھۋازلىق كۆرۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «خىتاي كومپارتىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۆلەملىك قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن پائالىيەتچىنى غايىب قىلدى ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈردى.» دېدى ئۇ. كومپارتىيە 1981- يىلى 6- ئايدىكى بىر يېپىق يىغىندا ماۋ زېدۇڭ سىياسەتلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باھالاپ چىقىپ، ئۇنىڭدا ھېلھەم كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى، پارتىيە ئىچىدىكى ۋە پارتىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ خىتايچە سوتسيالىزمنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. قارىغاندا بۇ كاپالەت كۈچىنى يوقىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

 

[1] بالقانلىشىش: بىر سىياسىي ئۇقۇم بولۇپ، بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈش جەريانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.