ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرغان

ئامېرىكىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دوللار يوق» دېگەن قانۇن لاھىيەسىنى قايتا تونۇشتۇرغان.

ئامېرىكا KLTV قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ناسانىيېل موران (Nathaniel Moran) يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دوللار يوق» دەپ تېما قويۇلغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىسى بار بارلىق شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى قايتىدىن پارلامېنتقا سۇنغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولسىمۇ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلمىگەنىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران سەيشەنبە KLTV تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ لاھىيەسى توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ناھايىتى ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئىش بېجىرىۋاتىدۇ. بىز دۇنيادا قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ شېرىكى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز. بۇنى (ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىنى) يوقۇتۇش كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن. موران سۆزىدە بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ ئىككى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىنى كەينىگە ياندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تاشقى تەھدىت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ناسانىيېل موران بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتايىن ئەخلاقسىز تەرىقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى قۇل ئەمگىكىگە شېرىك بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشتىكى بىر قەدەم دەپ قارايدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى توسۇشتىكى ياخشى بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دونالد تىرامپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم قانۇن لايىھەلىرى قايتىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلۇۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيەگە تەۋە 12 پالاتا ئەزاسى خىتايدىكى باستۇرۇشتىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا  مىللەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى، قوشۇمچە ياردەم تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى»نى قايتىدىن پارلامېنتقا سۇنغانىدى.

2025-يىلى 5-ئاپرىل