شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 35 يىل بۇرۇن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھۆرلۈك ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە شېھىت بولغان مۇجاھىتلارنى خاتىرىلەش يىغىنى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 17:00 دە ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونى سەفاكۆيگە جايلاشقان فاتىھ مەسچىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىغىن «تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى» تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇنبەرگە ئەزا تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم - مەرىپەت ۋەخپى، دارۇل ئىمان ئاكادېمىيەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە نەشىرىيات جەمىئىيىتى، يۇرتلار بىرلىكى جەمىئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى جەمىئىيىتى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ يىغىن مۇنبەرگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىغىنغا 20 گە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىنتايىن جانلىق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى ۋە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن بارلىق مېھمانلارغا ئۇيغۇر پولوسى تارتىلدى.
يىغىن ئالدى بىلەن ھىكمەتۇللاھ قارىمنىڭ مۇڭلۇق قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى ۋە ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى قويۇلۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. ئارقىدىن ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى نۆۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، بارىن شېھىتلىرى روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەھرىمان مىللىي روھىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىمىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يولىمىزنى يورۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بارىن شېھىتلىرىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختالدى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن سەبداش ۋە ساۋاقداشلىق ھاياتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بارىن جىھادىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسل پەزىلەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئەمىر ھەسەن ھاجىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد ئابدۇرېشىت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جەمىئىيىتى رەئىسى ئەلى سالىھ ئەپەندىم قاتارلىقلار تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق، بىرلىك، ئىشەنچ، ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇلارنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان بالايى-ئاپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن موھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ بىر قانچە يەرلەردە بۇلۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى چوڭراق ئۇرۇننىڭ بولماسلىقى ئىكەنلىكىنى، ئاشۇنداق بۇلىشى دەۋايىمىزنىڭ كۆپرەك ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھەم تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ داموللا ھاجىم، دارۇل ئىمان ئاكادېمىيەسى رەئىسى مەخمۇت داموللام، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۆسەنى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار مۇستەقىللىق ھەرىكىتى جەمىئىيىتى رەئىسى ئەكرەم ئۇيغۇرخان قاتارلىقلارمۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىتلەرنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ئالىي مەرتىۋىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا بىرىلىدىغان موكاپاتلار ھەققىدە توختۇلۇش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ۋە مىللەتكە قىلىنغان خىيانەت، جاسۇسلۇق ۋە خائىنلىقلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىن جەريانىدا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر شېھىتلەر ياد ئېتىلگەن شېئىرنى ئوقۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلارنى ھاياجانلاندۇردۇرۇش بىلەن بىرگە، راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوقۇلغان بۇ دېكېلىماتسىيەسى ئارقىلىق ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى.
يىغىن جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغان دۇئالىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
2025-يىلى 6-ئاپرىل