5-ئاپرىل كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىنقىلابنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ 35 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا زور تەسىر قوزغىغان بارىن ئىنقىلابى ھەر يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە، تۈركىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيەلەردە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
5-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ جامەسىنىڭ يىغىن زالىدا بارىن جىھادى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 20 گە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلغان شېھىتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. 7-ئاپرېل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇندىن باشقا، 5-ئاپرېل گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا بارىن جىھادىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، 35 يىل بۇرۇن تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ بارىن خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش جىنايىتى ئەيىبلەندى. ئاخىرىدا نامايىشچىلار شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى بېسىلغان نىقابنى كىيىپ، شى جىنپىڭنى ئەدەپلىگەن كۆرۈنۈشلەر ۋە تۈرلۈك شوئارلار ئارقىلىق، مەيداندىكى خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ئالاھىدە كۈن خاتىرىلەندى.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ چەكلىك ئىمكانىيەتلەرگە قارىماي، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بارىن جىھادىنىڭ 35 يىللىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە كۈنىنى ئالاھىدە خاتىرىلىدى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى.
بارىن ئىنقىلابى – 1990-يىلى 5-ئاپرىل ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بوغۇلغان دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى نىشانلانغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىشىدىن باشلانغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان 200 گە يېقىن كىشىنى قاتتىق باستۇرغان ۋە بىر قانچە ھەپتىگىچە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولىغان، ھەتتا قانۇنسىز ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2025-يىلى 8-ئاپرىل