شىۋېتسىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسىنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان

شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسىنى قولغا ئالغانلىقى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئىجتىمائىي توربەتلەرنى قاپلاپ كەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 9-ئاپرىل چارشەنبە كۈنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن بىر ئۇيغۇر ئەرنى قولغا ئېلىش قارارى چىقارغان. بۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ستوكھولىمدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. 

بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە زور غۇلغۇلە پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ كىملىكىگە بەكلا قىزىقتى. بەزىلەر بۇ ئۇيغۇرنى شىۋىتسىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەپتىش ئەمەلدارى ماتس ليۇڭكۈست (Mats Ljungqvist) «بۇ كىشى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قانۇنسىز ئۇچۇر يىغىش ۋە ئاخبارات توپلاش گۇمانى بىلەن تۇتۇلدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «بۇ دېلو ناھايىتى سەزگۈر ۋە تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ھازىرچە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيمەن» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ دېلونى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىۋاستە ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ ستوكھولمدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا، ئەلچىخانا ئېلخەت ئارقىلىق بۇ دېلودىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ ئارتۇق باھا بەرمىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن سوت ھۆججىتىگە قارىغاندا، بۇ جاسۇس گۇماندارى يەكشەنبە كۈنى تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ 1967-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن. خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ جاسۇس گۇماندارى خىتايچە تەرجىماننى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ساپو دەپ ئاتىلىدىغان شىۋېتسىيە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىپتىكى جىنايەتلەر ئاساسەن سىياسىي ئۆكتىچى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدىكەن. ساپو باياناتىدا، «بۇ خىل ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى مۇستەبىت ۋە دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن تۇتۇشى بولماستىن، مەزكۇر ھۆكۈمەت 2009-يىلى شىۋېتسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەن بابۇر مەخسۇت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ گۇماندار توغرىسىدىكى سوت ھۆججىتىدە دىلشات رىشىتنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار بۇ باياناتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي يىغىن ئېچىپ 2004-يىلىدىن بېرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي تىلى باياناتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن دىلشاتنى ئۆز ۋەزىپىسىدىن بوشاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتتا ئۆزىنىڭ بىر يېتەكچى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە تەھدىتلەر ئۈستىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى ۋە بەزى قارشى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە جەھەتتىكى مەبلەغلىرىنىڭ كەملىكىدىن بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇرەككەپ دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرگەن.

2025-يىلى 10-ئاپرىل