ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ باشقا دۆلەتلەرگە قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ۋاقتلىق كېچىكتۈرۈپ، خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى 145% كە چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تاۋارلىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى 125% كە چىقارغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى تەدبىرلىرى ئېلان قىلغان بولۇپ، 9-ئاپرىل ئونلىغان دۆلەتكە قويۇلغان تاموژنا بېجىنىڭ 90 كۈن كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
11-ئاپرىل جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت كېڭىشى تاموژنا بېجى كومىتېتى ئامېرىكىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ %125 كە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى كۈنى، تىرامپ خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى %145 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ئۆمىكى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەدبىرلىرى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قوشۇمچە ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتقان.
ترامپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاموژنا بېجى قارارى
پرېزىدېنت ترامپ دەسلەپتە فېۋرالدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا بۇ باجنى ئىككى ھەسسە ئۆستۈردى. پرېزىدېنت ترامپ 2-ئاپرېل كۈنى خىتايغا 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكاغا قارشى 34 پىرسەنت باج ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى خىتايغا يەنە 50 پىرسەنت باج قوشۇپ قويغان ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا 50 پىرسەنت باج قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى چىرايلىق سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكانى سەيشەنبە كۈنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە «ئاخىرغىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى» جاكارلىغان ئىدى. نەتىجىدە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا 8-ئاپرېل چۈشكىچە بەرگەن مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى چارشەنبىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت (Scott Bessent) سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي بىزگە قارشى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرسە بىزگە نېمە زىيىنى؟ بىز ئۇلار بىزگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئېكسپورت قىلىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئۇتتۇرغان» دېگەن. مىنىستىر بېسېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بۇ ئاينىڭ بېشىدا 180 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان شەكىلدە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، 75 تىن ئارتۇق دۆلەت ئاق ساراي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ۋون دېر لېيېن سۆزىدە «ياۋروپا ھەر زامان ياخشى سودىلىشىشقا تەييار» دېگەن.
ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئىتتىپاقلىق چاقىرىقىنى رەت قىلدى
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن ئاۋىستىرالىيە گېزىتىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «يېڭى ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ئاۋىستىرالىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىشلەشنى خالايدۇ».
ئاۋسترالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس (Richard Marles) تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى ۋە ئىقتىسادى ئېنىقسىزلىق ئالدىدا خىتاينىڭ ئىتتىپاقلىق چاقىرىقىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋىستىرالىيە «خىتاي بىلەن ئورتاق ئالدىنقى سەپ شەكىللەندۈرمەيدۇ» دەپ جاكارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «بىز ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز، ئەمما بىزنىڭ دىققىتىمىز ئەمەلىيەتتە سودىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېدى.
2025-يىلى 12-ئاپرىل