مۇستافا دەستىجى: شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئاخىرلاشقۇچە خىتاي ماللىرىغا 100 پىرسەنت باج قويۇلۇشى كېرەك

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاخىرلاشقۇچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش، خىتاي ماللىرىغا ئاز دېگەندىمۇ 100% باج قويۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

مۇستافا دەستىجى ئەپەندى 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن 44 مىليارد دوللارلىق تاۋار ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا پەقەت 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق تاۋار ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى، قىزىل رەقەمنىڭ دەل بۇ زور تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇستافا دەستىجى بۇ چاقىرىقىنى X ھېسابىدىمۇ ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاخىرلاشمىغۇچە، ئالاقىدار ئىمپورتنى توختىتىش كېرەكلىكىنى، بارلىق خىتاي ماللىرىغا كەم دېگەندە %100 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايدىن تەخمىنەن 44 مىليارد دوللار ئىمپورت قىلىمىز، پەقەت 3 مىليارد 500 مىليون دوللار ئېكسپورت قىلىمىز. ھازىرقى قىزىل رەقىمىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك (40 مىليارد دوللار) بۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىققان. بىز خىتايدىن نېفىت، تەبىئىي گاز ياكى توك سېتىۋالمايمىز. بىز خىتايدىن سېتىۋالغان بارلىق ماللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرالايمىز ياكى باشقا جايلاردىن سېتىۋالالايمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ئاخىرلاشقۇچە، ئىمپورتنى توختىتىش ۋە خىتاي ماللىرىغا كەم دېگەندە 100 پىرسەنت قوشۇمچە باج ئېلىش كېرەك.»

مۇستافا دەستىجى ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغال، زۇلۇم، قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن «زۆرۈر بولسا، ئۇرۇشمۇ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

2025-يىلى 13-ئاپرىل