گوللاندىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشكە چاقىردى.
ئىگىلىنىشىچە، گوللاندىيەدىكى Denk پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنېت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) 9-ئاپرېل پارلامېنتقا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىدا ۋە ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر لايىھە گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىمۇ ئىلان قىلىغان بولۇپ، ئۇ تەكلىپ لايىھەسىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنىڭ تارىخىي نام ئىكەنلىكىنى، «شىنجاڭ»نىڭ بولسا مۇستەملىكە نامى ئىكەنلىكىنى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ، ۋان بارلېنىڭ پارتىيىسى مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن. 2021-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، گوللاندىيە پارلامېنتى باشقا غەرب پارلامېنتلىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنىدى.
2025-يىلى 14-ئاپرىل