خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تىلىنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»تا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن پەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە شەرقىي تۈركىستاندا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. چېن ۋېنچىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قاتتىق جازالاشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۇپرىقىنى يوقىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن ۋېنچىڭ «بىز قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق ۋە تېررورىزم جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىيلىك بىخ ئۈندىغان تۇپراقنى يوقۇتىشىمىز كېرەك. ھەر قانداق تېررورلۇق باش كۆتۈرىشى ھامان دەرھال ئۇجۇقتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارى بۇ زىيارىتىدە يەنە يەرلىك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە ئۇزۇن-مۇددەتلىك تىنچلىقنى ساقلاشنى ئاساسىي نىشان قىلىشىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، «تېررورىزمغا قارشى» تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، چېن ۋېنچىڭ بۇلتۇر 5-ئايدىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە 4-دىۋىزىيە قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى جىددىيلەشكەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننى تۆت كۈن زىيارەت قىلىپ يەنە ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارادا ھەر زامان ئۆزىگە پايدىسىز بىر چوڭ ۋەزىيەت ۋەياكى سىياسىي كرىزىس پەيدا بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال مۇقىمسىز چېگرا رايونى دەپ قارالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قارشى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېررورىزمنى باھانە قىلىپ تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. يۇ ۋېنچىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان بۇ قېتىمقى سەپىرىدە نەق مۇشۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

2025-يىلى 16-ئاپرىل