( سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكەن ئايدا «زىمىستان» جورنىلىدا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسى)
سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى يېقىندا سۈرىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچتىن ئونۋېرسىتىغا قەدەر ھەقسىز ئوقۇتىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ئېلان قىلدى. مەنچە بۇ، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ئىمتىيازدۇر. بۇ ئىمتىياز ، نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇغان غەرپ ئەللىرىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداشلىقى بولغان تۈرك دۆلەتلىرىدە ئەمەس، ئەرەپ دۆلىتى سۈرىيەدە بېرىلدى؟
بۇ سوئال، سۈرىيەدىكى مۇزىكانت دوستۇم قاسىمجان بىلەن تۈنۈگۈنكى تېلىپون سۆھبىتىمىزدىكى مۇنۇ تەپسىلاتنى ئېسىمغا سالدى :
--- ئۇرۇش مەيدانىدا سېنىڭ قۇچىقىڭدا جان ئۈزگەن، شۇ خېلىل دېگەن بالىنىڭ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ئىشى بار دەۋاتقانتىڭ ، نىمە ئىشتى شۇ؟
--- ئۇ بالا بىلەن سۈرىيەگە ئوخشاش كۈندە چىگرادىن كىردۇق. تەلەپ بويىچە قولىمىزدا ئارتۇق يۈك-تاقا بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەتكەس يول بىلەن كىرىۋاتقان بولغاچقا. خېلىل ئۇ كۈنى لىق كىتاپ قاچىلانغان بىر چامىداننى قولىغا ئېلىۋاپتۇ. يولىمىزنىڭ ئوي-چوڭقۇرلىرى سەۋەپلىك كىيىمىمىزدىكى بىر تال تۈگمىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىدى.باشقىلىرىمىز يول بويى نەرسە -كېرەكلىرىمىزنى تاشلاپ ماڭدۇق، ئەمما خېلىل ئۇ چامدانىنى تاشلىمىدى.
ئاخىرقى جۈملىنى ئاڭلاپ خىيالغا كەتتىم: نېمە كىتاپلاردۇ ئۇ، ۋاز كېچەلمىگۈدەك؟ بەلكىم، ئۆزى بەكلا ياخشى كۆرگەن بىرەر ئىلىمنىڭ كىتاپلىرىدۇر، بەلكىم ئۇرشتىن كېيىن ئائىلىسىنى بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىرەر ھۈنەر-كەسىپنىڭ رىسالىسىدۇر؛ بەلكىم، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە قارشى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان، ئارقىسىغا داجىتمايدىغان جەسۇر روھ ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس كىتاپ شەرھىلىرىدۇر.
مەزمۇنى نىمە بولۇشىدىن قەتئخنەزەر شۇسى ئېنىقكى ، بۇ كىتاپلار ھىجرەت يولىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئەينىكىدۇر.
--- بىز ئالدىنقى سەپتە بىر نەچچە رەت بىللە نۆۋەتتە تۇردۇق، شۇ چاغدىمۇ يېنىدىن كىتاپ ئايرىلمايتتى. كېيىن ئۇقسام بۇ بالا ئۈرۈمچىدە ئونۋېرسىتتىن ھەيدەلگەنكەن، يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ دىن ئوقۇۋاتسا ئۇستازى تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھىجرەت يولىنى تاللاپتۇ...
مەن مەزكۇر كىتاپلار ھەققىدە يەنە ئويلاندىم: بەلكىم بۇ كىتاپلار ئەنە شۇ تۇتۇلۇپ كەتكەن نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان دىنىي ئۇستازى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئوقۇشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان ئەڭگۈشتەر كىتاپلاردۇر؛ بەلكىم ، ئونۋېرسىتىدىكى مىللەتپەۋەر ئۇستازى يېنىدىن ئايرىمسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان يول كۆرسەتكۈچ كىتاپلاردۇر.
بۇ نۇقتىدىن، بۇ كىتاپلار ، خېلىلنىڭ ئىلىمگە قانمىغان ئارۇزلىرىنىڭ يالدامىسى، ئۇستازلىرى ئامانەت سۈپىتىدە قولىغا تۇتقۇزغان ھىدايەت ۋە ئازاتلىق يولى مەشئلىدۇر !
خېلىل مېنىڭ قەلبىمدە جەڭگاھتا، بېشىنى كىتاپ قاچىلانغان بىر يېشىككە قويۇپ تۇرۇپ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بىر جەڭچى سۈپىتىدە قېپقالدى.
بەلكىم سۈرىيە مائارىپ مىنىستىرىدىكىلەر خېلىل ۋە سەپداشلىرىنىڭ مۇشۇ خىل كەچمىشلىرىنى ئۆز ئېغىزلىرىدىن ئاڭلىدى ۋە بەلكىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دېمەك، مەزكۇر قارار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر، بەلكىم ئۆزلىرىمۇ دىكتاتور بىر رېجىمنىڭ 50 يىللىق قۇربانلىرى سۈپىتىدە مەزلۇمنىڭ دەرتلىرىنى ھىېس قىلالىغنلقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
مەن قاسىمجاندىن سورۇدۇم:
--- مەرھۇمنىڭ يەرلىكى نەدە؟
--- ئىدلىپتىكى ئۇيغۇر مازارلىقىدا
ئامېرىكىنىڭ " تاشقى سىياسەت" جورنىلىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېلان قىلغان ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر ماقالىسىدا سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1100 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى يېزىلدى.
بۇ نۇقتىدىن، بەلكىم سۈرىيەنىڭ مەزكۇر قارارى قېنى ۋە تېنى ئەنە شۇ سۈرىيە تۇپراقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن مىڭڭلارچە ئۇيغۇر جەڭچى سەپداشلىرىغا بېرىۋاتقان بىر ھۆرمەت سالامىنىڭ ئىپادىسىدۇر!
دوستۇم قاسىمجان نۆۋەتتە سۈرىيىدە ئونۋېرسىت يېشىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 400 يۈزچە بالا بارلىقىنى ئېيتتى؛ ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» جورنىلىدىمۇ نۆۋەتتە ئنۋېرسېتتا ئوقۇۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بارلىقى يېزىلدى.
دېمەك سۈرىيەنىڭ مەزكۇر قارارى يالغۇز شېھىتلەرگە ھۆرمەتنىڭلا ئەمەس، ئۇرۇشتىن كېيىن ، ئولجىنى، تۆلىگەن بەدەللەرگە قاراپ بۆلۈشۈشتەك ئادىل بىر ھەربىي تەقسىماتنىڭ نەتىجىسدۇر.
2020 -يىلى كۈزدە، مېنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلنىڭ تۈركىيەدىكى ئۈچ ۋەكىلى بىلەن دوستانە بىر سۆھبەت پۇرسىتىم بولۇپ قالدى. ئۇ كۈنى ئۇلاردىن سورۇدۇم:
--- ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلدىڭلار تالىباندىن ياردەم كەلمىدى، سۈرىيدىىكىلەردىن كېلەرمۇ؟
سەيپۇللا ھاجىم جاۋاپ بەردى:
ھەر ئىككىلا يەرگە بىزنى بىرلىرى بۇرنۇمىمىزدىن يېتىلەپ ياكى دۈمبىمىزدىن ئىتتىرىپ ئاپارمىدى؛ ئېتىقادىمىز ۋە غايىمىز ئېلىپ باردى. ئافغانىستاننى قويۇپ سۈرىيەنڭ گېپىگە كېلەيلى: ئەرەپ سەپداشلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشىتۇق، بىللە ئولتۇرۇپ بىللە قوپۇشتۇق، بىز ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا ئىمانىغا، ۋىجدانىغا ئىشەندۇق، ئارىمىزدا بېرىشكەن ۋەدىلىرىمىز، ئىچىشكەن قەسەملىرىمىز بار . ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئىنسان ، شۇڭا بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن ئاللاغا تەۋەككۈل قىلدۇق!...
مەلۇمكى مەزكۇر قارار ئۇرۇش ئالدىدا بېرىلگەن ۋەدە ، ئىچىلگەن قەسەملەرنىڭ ئجراسى، ئاللاغا تەۋەككۈلنىڭ مىۋىسى!!!! سۈرىيەدە تۆكۈلگەن ئۇيغۇر قېنىنىڭ قىممىتى، جېنىنىڭ ھۆرمىتى!
ئەلۋەتتە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە « بىر ئىككى گېنىرال چىقىپ قالغانغا نمە بوپتۇ» مەنتىقىسىدىكى نەزىرى ئۈستۈنلەر سۈرىيەدىكى بۇ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىنىمۇ چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكى ؛ تۆلەنگەن بەدەللەرنىڭ چوڭلۇقىنى پەش قىلىپ بۇ ئۇرۇش ئولجىسىنىڭ قىممىتىگە كۆز يۇمۇۋېلىشى مۈمكىن. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا « تاشقى سىياسەت» جورنىلىدا دېيىلگەن مۇنۇ جۈملىلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن:
« بۇ (سۈرىيەدىكى) ئۇيغۇرلار ( شەرقى تۈركىستان ) داۋاسىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ غالىپلىرىدۇر. »
كەمچىللىكلكرىمىزنى كۆرۈش ، تارتىۋاتقان زىيانلىرىمىزنى ساناش قانچە مۇھىم بولسا، ئارتۇقچىلىچقلىرىمىزنى كۆرۈش، ئۇتۇقلىرىمىزنى مۇئەييەنلۈشتۈرۈشمۇ شۇنچە مۇھىمدۇر؛ خائىنلارنى تونۇش قانچە زۆرۈر بولسا قەھرىمانلىرىمىزنى تونۇش ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىشمۇ مىڭ ھەسسە ئۈستۈنلۈكتە زۆرۈردۇر!!!!