ئامېرىكا: خىتاي تاۋارلىرىدىن 245 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى ئېلىنىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى قويغان «قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرى 245 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ كۆپ قېتىم خىتاي تەرەپنىڭ باج مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە يەنىلا ئامېرىكانى ئەيىبلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەلدى. 

ئۇنىۋېرسال تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېڭى سان خىتاينىڭ بەزى ماللىرى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى باج نىسبىتى بولۇپ، ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان 125 پىرسەنت تاموژنا بېجى، زەھەرلىك چېكىملىك فېنتانىل مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇلغان 20 پىرسەنت باج، شۇنداقلا مەۋجۇت قانۇننىڭ 301-ماددىسىغا ئاساسەن قويۇلغان 100 پىرسەنتكە يېقىن باجلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىكەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پات يېقىندا كېلىشمىسە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى مىللىي دارامىتى پەسكويغا چۈشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قۇرۇلتاي جەريانىدا ئۆزىنىڭ 2025-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى، يەنى مىللىي دارامەت نىسبىتىنى 5 پىرسەنتكە ئۆستۈرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ماشىنىلىرى ئامېرىكادا 245 پىرسەنت تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى ئاللىبۇرۇن ئاستىلاشقان بولۇپ، ئامېرىكاغا ماللىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا بازىرىنى يوقىتىشى بىر چوڭ زەربە ئىكەن. بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش بازارلارنى ئىزدىشىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ ۋاشىنگتون ياكى بېيجىڭنى تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئىنكاسى: ئامېرىكىنى ئەيىبلەش

بىر مۇخبىر چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جەندىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ 245 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىغىنىدا، لىن جەننىڭ ئىچى پۇشۇپ، «سەن باجغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق سانلارنى ئامېرىكا تەرەپتىن سورا» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى كۆپ قېتىم ئېنىق بىلدۈرۈپ بولدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى ئامېرىكا بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «قەغەز يولۋاس» دەپ ھاقارەتلەپ تېخى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قارشى 125 پىرسەنت باج قويغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بېسىم قىلغان. ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت بۇ توغرىسىدا، «ئەمدى تاللاش خىتايغا مەنسۇپ. خىتاي بىز بىلەن كېلىشىشى كېرەك. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق... خىتاينىڭ بىزنىڭ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلىرىمىزغا ئېھتىياجى بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزغا ئېھتىياجى بار» دېگەن.

خىتاي يېڭى سۆھبەت ۋەكىلى تەيىنلىدى

ئەنگلىيە BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تۇيۇقسىز چارشەنبە كۈنى بىر يېڭى سودا ۋەكىلىنى تەيىنلىگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى سودا ۋەكىلى سادىق ياردەمچى سودا مىنىستىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەلچىسى لى چېڭگاڭ ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەرىكەتنى بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىدىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىغان.

2025-يىلى 17-ئاپرىل