خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ 2025-يىلى 17-ئاپرېل بېيجىڭدا Nvidia نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى ۋە بىئولوگىيەلىك ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بەزىلىرى ئامېرىكىدىن كەلگەن ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ كومىتېت 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، چىراي تونۇش تېخنىكىسى، كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە بىئولوگىيەلىك ئىز قوغلاشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى شەخسلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوندا بولسا «ساقال قويۇش» ياكى «WhatsApp ئىشلىتىش» قاتارلىق ئاددىي ھەرىكەتلەرنىڭ گۇمانلىق دەپ قارالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلىنغان تەپسىلىي دوكلاتتا ئامېرىكا ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى Nvidia نىڭ بۇ سىستېمىنى قوزغىتىشتا رول ئوينىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كومىتېتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 60 مىڭدىن ئارتۇق Nvidia ئۆزىكى خىتايىڭ سۈنئىي ئەقىل (AI) پاراڭلىشىش دېتالى DeepSeek نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ (Jensen Huang) بولسا 2023-يىلى ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن خىتايغا مەخسۇس ئۆزەك لايىھىلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.
كومىتېت رەئىسى جون مولېنار (John Moolenaar) مۇنداق دېدى:
«بۇ قورال ئامېرىكىلىقلارغا جاسۇسلۇق قىلىش، تېخنىكىمىزنى ئوغرىلاش ۋە ئامېرىكا قانۇنىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن».
دوكلاتتا تۆت مۇھىم بايقاش گەۋدىلەندۈرۈلدى:
تەكشۈرۈش: خەۋەر قىلىنىشىچە، DeepSeek نىڭ %85 تىن ئارتۇق نەتىجىسى CCP بايانلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق تېمىلارنى باستۇرۇپ كەلگەن.
CCP باغلىنىشى: بۇ سۇپا ئىدىيە جەھەتتىن شى جىنپىڭ تەپەككۇرى بىلەن ماسلاشقان شىركەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.
مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش: DeepSeek نىڭ ByteDance، تېڭشۈن، بەيدۇ ۋە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھە ئورتاقلىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەت ماسلاشقان سانلىق مەلۇمات توپلاش خاتىرىسى بار.
Nvidia نىڭ رولى: ئۆزەك 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ دېيىلگەن.
ترامپ ھۆكۈمىتى DeepSeek نى چەكلەش سالمىقىنى ئېغىرلاشتۇردى
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋىپى ئاساسىدا ئامېرىكىدا DeepSeek نى چەكلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ. دائىرىلەر يەنە شىركەتنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان تېخنىكىلارغا، بولۇپمۇ Nvidia ئۆزىكىگە ئېرىشىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
Nvidia نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سودا جىددىيلىكى ئىچىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Nvidia شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن يېقىندا خىتايغا بېرىپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر خې لىفېڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى. ۋاشىنگىتوننىڭ Nvidia نىڭ H20 سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىماي، بۇ شىركەتكە 5 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، خۇاڭ خىتاي بازىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
جېنسېن خۇاڭ خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ رەئىسى رېن خوڭبىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، نىۋىدىيەنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە قارىماستىن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2025-يىلى 19-ئاپرىل