مۇھەممەد يۈسۈپ
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىشتۈرگەن كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇنلىغان كاتتا ئىشلارنى ۋە زور نەتىجىلەرنى ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلماي، ھەتتا ئويلاپمۇ ئولتۇرماي قولغا كەلتۈرگەن. چۈنكى ئۇلار ئاشۇ كاتتا ئىشلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئادەتلىرىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. ئادەتكە ئايلانغان ئىشلار ئىختىيارسىز ھالدا قىلىنىدۇ.
ناۋادا، سىزمۇ ئۆزىڭىزدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرەلسىڭىز، سىزدىن سادىر بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىرەردىن مۇۋەپپەقىيەت، بىرەردىن غەلىبە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
كۈندىلىك ئادەتنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
كۈندىلىك ئادەت پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك ئادەت ئىنتىزاملىق بولۇشقا، پىلانلىق ئىش قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا، ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىشقا، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇشقا، ۋاقىتنى پىلانلىق باشقۇرۇشقا، ئۆزىمىزگە ۋە ئائىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، پۇل-مالنى ۋە ۋاقىتنى تېجەشكە، شۇنداقلا ئاز ۋاقىتتا كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئالمۇتا شەھىرىدە يېشى يەتمىشتىن ئاشقان بىر ئاكىمىز بار. دوستلىرىم مېنى تېز ماڭىدۇ، دەيدۇ، ئەمما مەن ئۇ كىشى بىلەن يول ماڭسام ئارقىسىدىن يېتىشەلمەي قالىمەن. ئۇنىڭ تەن ساقلىقى ۋە بەدەن لاياقىتى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ياخشى. ئۇ كىشىدىن بۇنىڭ سىرىنى سورىغىنىمدا، ئۇنىڭ سىرى ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىگەن سەھەر تۇرۇش ۋە ناماز بامداتتىن كېيىن بىر سائەت مېڭىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ كىشى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى شۇ ئادىتى بويىچە ئىش قىلىدىكەن.
سۈرىيەلىك بىر ئالىمنىڭ ھەر كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت تۆتتىن ئالتىگىچە ئىككى سائەت يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى ۋە شۇنداق يېزىپ، سەككىز يىلدا 22 توملۇق چوڭ ئەسەرنى روياپقا چىقارغانلىقىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم. ئادەم ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈۋالغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەت ئۆزلىكىدىن كېلىدىكەن. پېقىر ئۆزۈمنى ئالسام، يېزىشقا قەدەم قويغىنىمغا ئوتتۇز يىلدىن ئېشىپتۇ. ھەر كۈنى قىسقا بولسىمۇ بىرەر نەرسە يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغانمەن. ھازىرغا قەدەر 32 پارچە كىتاب، ئىككى مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدىم. ماقالىلەر توپلاملىرىمنىڭ سانى ئالتىگە يەتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۈندىلىك خىزمەت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاخشاملىرى تېلېۋىزورغا ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كېتىدىغان ۋاقىتلىرىمنى ئىشلىتىپ قولغا كەلتۈردۈم. 10 توملۇق «تەپسىر جەۋھەرلىرى» كۈندىلىك رادىيو ئاڭلىتىشىغا 15 مىنۇتلۇق تەپسىر پروگراممىسى تەييارلاش ئادىتىمنىڭ مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. پېقىر 5218 بەتلىك بۇ تەپسىرنى تەييارلاش ئۈچۈن كۈندىلىك خىزمىتىمنى، ئائىلە ئىشلىرىمنى ۋە ئارام ئېلىشىمنى قۇربان قىلمىدىم، پەقەتلا ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقتىمنى مۇنتىزىم چىقاردىم، خالاس. ئادەت دېگەن ئەنە شۇنداق سېھىرلىك ۋە بەرىكەتلىك نەرسە ئىكەن. شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالمايمىز؟
كۆپىنچىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە ۋە تەن ساقلىقىمىزغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋانلاشتۇرالماي، ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ئۇ ئىشلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلىنالمىغانلىقىدىندۇر. مەسىلەن: كۆپىنچىمىز ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇشنىڭ تەن ساقلىمىزنى ساقلاش، بەرىكەت تېپىش، ئىشلىرىمىزدا راۋاج تېپىش ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان چاغدا، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمىز ۋە بىر- ئىككى كۈن بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرىمىز. بىزدىكى ھاياجاننىڭ تۈگىشى بىلەن يەنە بىز بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىۋالىمىز. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ھەر كۈنى بىرەر سائەت مېڭىشقا بەل باغلايمىز، ھەتتا چېنىقىش سايمانلىرىنى سېتىۋالىمىز. ئەمما ئۇنى بىرەر ھەپتىدىن كۆپ داۋاملاشتۇرالماي تاشلىۋېتىمىز. چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ پايدىلىرىن ئاڭلىغاندا، تىل ئۆگىنىشكە بەل باغلاپ كىتابلارنى سېتىۋالىمىز، ھەتتا تىل كۇرسلىرىغا ئۆزىمىزنى تىزىملىتىمىز، ئەمما ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرالماي تاشلىۋېتىمىز. چۈنكى، بىز بۇ ئىشلارنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرەلمىدۇق. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا ئىدى، بىز ھېچ ئويلىماستىن، ئۆزىمىزنى زورلىماستىن ۋە ھېچبىر قىيىن كۆرمەستىن داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلىگەن بولاتتۇق.
ئادەتنى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟
داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ھاياجاندىن يىراق، بوشاڭلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن خالىي تۇرۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 21 كۈن چىداپ داۋاملاشتۇرۇش شۇ ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىدۇر. سىز قانداقلا بىر ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئۇ ئىشنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزلىڭىزدىن قىلىۋېرىدىغان بولۇپ كېتىسىز. نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان كاتتا ئىشلارنى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېچقانداق جاپا-مۇشەققەت ھېس قىلمايلا قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
بالىلىق چاغلىرىمدا يان كوچىدىكى قوشنىمىز داۋۇد ئاخۇن تۆمۈرچىنىڭ بولقا تۇتقان قولىغا ھەيران قالاتتىم. چۈنكى ماڭا ئۇ كىشىنىڭ ئاشۇ قولى توم ۋە مىختا كۆرۈنەتتى. بىر قولىدا تۇتۇۋالغان بولقىنى مەن ئىككى قولۇم بىلەنمۇ كۆتۈرەلمەيتتىم. ھاياتىمدا مەخسۇس بەدەن چېنىقتۇرغان نۇرغۇن سپورتچىلارنى كۆردۈم، ئەمما داۋۇد ئاخۇن تۆمۈرچىنىڭ قولىدەك كۈچلۈك قولنى كۆرمىدىم. تۆمۈرچىنىڭ بولقا ئۇرۇپ قولىنى كۈچلەندۈرۈشنى نىيەت قىلمىغانلىقى، ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئۇنىڭ بولقا كۆتۈرۈشى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بولقا تۇتقان قولى كۈچلىنىپ ماڭغان. باشقا ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كۈندە بىر بەت قۇرئان يادلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئۆزىڭىز ھېس قىلماي قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ كېتەلەيسىز. چۈنكى، سىز يادلاشقا ئۇستىلاشقانسېرى يادلاش ئوڭايلىشىپ ماڭىدۇ، سىزگە قىلچە ئېغىر كەلمەيدۇ. كۈندە چەتئەل تىلىدىن بىر قانچە سۆز ئۆگىنىشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بىر قانچە ئاي ئىچىدە شۇ تىلدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز. شۇنىڭدەك، ھەر كۈندە بىر قانچە بەت كىتاب ئوقۇشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز، كۈندىلىك كىتاب ئوقۇش سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىلىم -سەۋىيەيىڭىز ئاشىدۇ، ئۇپۇقىڭىز كېڭىيىدۇ، كۆپ نەرسىلەنى ۋە ئىشلارنى بىلىۋالىسىز.
ئۇنتۇماڭكى، ھەرقانداق ئىش مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدۇ. سىز ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدە ئۆمۈر بويى قالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.!
يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان 7 ئادەت
1. ئەتىگەنلىك ۋەزىپە
بۈگۈننىڭ ئىشلىرىنى ئاخشامدىن پىلانلاپ، سەھەر تۇرۇشقا سائەتنى تەڭشەيمىز، ئاندىن سائەت 11دە ئۇخلاپ بولىمىز. چۈنكى، بەدىنىمىزدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت كېچە سائەت 11دىن 3 كىچە جېگەردىن زەھەر تازىلاش بىلەن بولىدۇ. زەھەرنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈب مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ ئۇخلىغان بولۇشىمىز شەرتتۇر.
ناماز بامداتتىن بۇرۇن، ھېچبولمىغاندا يېرىم سائەت بۇرۇن ئورنىمىزدىن تۇرىمىز، ياخشى ئارام ئالغانلىقىمىز ۋە ئەزايىمىزنىڭ ساق - سالامەت ئىشلەپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، «ئەلھەمدۇلىللاھ!» دەپ، چىن قەلبىمىزدىن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى، روھىمىز ئۈستۈن ۋە كۆڭلىمىز خۇشال تۇرۇشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
ئاندىن قانچە رەكئەت ئوقۇيالىساق شۇنچىلىك تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيمىز، بۇ ئارىدا بىر- ئىككى ئىستاكان ئىسسىق سۇنى ئاز-ئازدىن ئىچىمىز. ناماز بامداتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك زىكىرلەرنى ئېيتىمىز، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە بەت ئوقۇپ دۇئا قىلىمىز.
2. بەدەن چېنىقتۇرۇش
بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تەن سالامەتلىك ئۈچۈن قانچىلىك زور پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ھەممە ياشتىكى كىشىلەر قىلالايدىغان ئەڭ ئوڭاي تۈرى ھاۋالىق جايلاردا مېڭىشتۇر. ھەر كۈنى ئەينى ۋاقىتتا بىر سائەت، ئاز دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىش بەدىنىمىز، ئەقلىمىز ۋە روھىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. كۈندىلىك مېڭىۋېتىپ تەپەككۇر قىلىش نېمىدېگەن گۈزەل!.
3. ساغلام غىزالىنىش
يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرىمىزنىڭ بەدەننىڭ تەلەپلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان، جىسمىمىزغا ئېنېرگىيە بېرەلەيدىغان پايدىلىق غىزالاردىن بولۇشى، ناشتىنى كېچىكتۈرمەي ئوبدان قىلىش، چۈشتە قۇۋۋەتلىك يېيىش، ئاخشىمى ئاز يېيىش، كېچىسى قەتئىي يېمەسلىك، مەجبۇر بولۇپ قالمىغاندا سىرتتىن تاماق يېمەسلىك، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەسلىك بارلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىردەك تەۋسىيەسى بولۇپ كەلمەكتە.
شەكسىزكى، ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشنىڭ ۋە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆي تامىقىنى يېيىش ھەم تەن ساقلىقىمىز ھەم ئىقتىسادچانلىق ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
4. كونكرېت پىلان تۈزۈش
كۈنلۈك پىلان تۈزۈش ئۇزۇن مۇددەتلىك چوڭ پىلانلارنى بۆلۈپ- بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى چارىدۇر. كۈندىلىك ئىشلارنى ۋە كىچىك پىلانلارنى يولىدا ئېلىپ بارالىغان ئادەم چوڭ پىلانلارنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق چوڭ ئىشلار كىچىدىن باشلىنىدۇ.
5. ۋاقىت جەدۋىلىگە رېئايە قىلىش
ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە قىلىش، ئەڭ مۇھىملىرىنى مۇھىملىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش، مۇھىملىرىنى مۇھىم ئەمەسلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىدۇر. كۈنلۈك جەدۋەل بويىچە رەتلىك ئىش قىلىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر. ئاددىيسى، ۋاقىتنى تېجەش، كۆپ ئىشلارنى بېجىرىش، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.
6. يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش
توختاۋسىز ئۆگىنىش توختاۋسىز يېڭىلىنىشنىڭ ۋە ھەر جەھەتتە تەرەققىي قىلىشنىڭ يولىدۇر. ھەر كۈنى يېڭى- يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىزنىڭ ئۇپۇقىمىزنى كېڭەيتىدۇ، بىلىمىمىزنى ئاشۇرىدۇ ۋە بىزنى ھاياتلىقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
كۆپ كىتاب ئوقۇش، ياخشى لېكسىيەلەرنى تىڭشاش، ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ھازىر بولۇش كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتتۇر.
7. كۈندىلىك تەپەككۇر
تەپەككۇر قىلىش ئەقىلنى ئاچىدۇ. خۇددى پىچاق بىلىگەنسېرى ئىتتىكلەشكەنگە ئوخشاش ئەقىلمۇ ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ. دىنىمىزدا تەپەككۇر قىلىش ئىبادەت سانىلىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىز ئەقىلغا خىتاب قىلىدىغان، ئەقىلنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان ۋە ئەقىلنىڭ مەنتىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىلمىي دىندۇر. ئىمان توغرا تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر.
تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق توغرا قارار چىقارغىلى، ئۆزىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باھالىغىلى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھەر ئاخشىمى ياتقان ۋاقتىمىزدا، بۈگۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ۋە بۈگۈن ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشلىرىمىز ، پىلانلاپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى ۋە ئەتىكى ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈشنى ئادەت قىلىۋېلىش تولىمۇ ياخشى ئىشتۇر.
مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى
2025-يىلى 21-ئاپرىل