تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چارشەنبە كۈنى چۈشتە 6.2 بال يەر تەۋرىدى. كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئەتراپتىكى شەھەرلەر ۋە قوشنا دۆلەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر تېخىمۇ چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ سىرتلاردا ۋاقت ئۆتكۈزدى. تۈركىيە دائىرىلىرى يەر تەۋرەشە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋال باشقارمىسى ( AFAD) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-ئاپرىل چارشەنبە كۈنى 12:49 دا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ دەرىجىسى 6.2 دەرىجىگە يېتىپ بارغان. يەر تەۋرەش ئىستانبۇل، تېكىرداغ، يالوۋا، بۇرسا ۋە بالىكېسىردە كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شەھەردە چارشەنبە كۈنى ئالدى-كەينى بولۇپ 50 قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرىگەن. ئىستانبۇل ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھازىرچە بۇ يەر تەۋرەشتە ھېچ كىمنىڭ قازا تاپمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت 151 كىشىنىڭ بىنالاردىن سەكرەپ زەخىمىلەنگەنلىكىنى دېگەن. ئىستانبۇلدىكى ئېگىز بىنالار بۇ يەر تەۋرەشتە قاتتىق سىلكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىنالاردا ئۆرۈلۈش بولمىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى پۇقرالار بۇ 6.2 دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش دەپ ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ يەر تەۋرەش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئىستانبۇل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۈندۈزدە سىرتقا چىققانلىقىنى ۋە كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بايانات ئىلان قىلىپ، مارمارا دېڭىزىدا 12.49 دا 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى، تەۋرەش مەركىزى تەخمىنەن 7 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا بولغان يەر تەۋرەشنىڭ جەمئىي 13 سېكۇنت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلىۋىرى دېڭىز قىرغىقىدىن 24 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يەر تەۋرەش ئىستانبۇل باشچىلىقىدا تەكىرداغ، يالوۋا، بۇرسا ۋە بالىكەسىر قاتارلىق جايلارد تەسىرىنى كۆرسەتتى. سائەت 17:55 ئۆتكىچە جەمئىي 127 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى 5.9 با. تەۋرەش دەرىجىسى 4 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشنىڭ ئومۇمىي سانى بولسا 7 قېتىم».
تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىسى يەر تەۋرەش بەلۋېغىدا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن چوڭ يەر تەۋرەشلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. 2023 -يىلى 2-ئايدا تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ۋە 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ يەر تەۋرەشتە 55000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا تاپقان ئىدى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن دائىرىلەر ئاھالىلەرنى ئامال بار خەتەرلىك بىنا ۋە جايلاردىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، مەكتەپ، مەسچىت ۋە باشقا ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرنى خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋەتكەن بولۇپ، چارشەبە كۈنى كەچتە نۇرغۇن كىشى كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئوچۇق مەيدانلارغا يىغىلدى. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بولسا، ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئىستانبۇل ۋالىيلىقى بولسا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان مېيىپ، ھامىلدار ياكى 10 ياشتىن تۆۋەن بالىسى بار ئانىلارغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2025-يىلى 23-ئاپرىل