تايلاند بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە بەزى مىنىستىرلارنىڭ يوقلۇقى دىققەت تارتتى. تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىيە مىنىستىرى فۇمتام ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتوندا بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.
«باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى «مىش-مىش پاراڭلارنى» رەت قىلغان. بۇ ئەيىبلەشلەر تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، فۇمتام مۇخبىرلارنىڭ مالىيە مىنىستىرى پىچاي چۇنخاۋاجىرا باشچىلىقىدىكى تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سودا سۆھبىتىگە نېمىشقا بىر قىسىم مۇھىم مىنىستىرلارنىڭ قاتناشمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.
سۆھبەتنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلىنىشى كۈتۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تايلاند باش مىنىستىرى پېيتوڭتارن شىناۋاترا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەل قىلماقچى بولغان «بەزى مەسىلىلەر» ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، يېڭى ۋاقىتنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فۇمتام تايلاند بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئۇ، ئەگەر بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا، بۇلارنى ئۇنىڭغا يوللىسا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
2-ئاينىڭ 27-كۈنى 40 ئۇيغۇر ئەرنىڭ تايلاندتىن خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ئۇيغۇرلاردىن 11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئىلان قىلىپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە بىر قىسىم تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتىكى رولى ئۈچۈن جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىدى.
سودا سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتكە سوئال قويدى
فۇمتام سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقىي مۇھىم بولغىنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سۆھبەتكە تولۇق تەييارلىق قىلىشى». ئۆكتىچى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ناتتافوڭ رۇڭپەنياۋۇت ھۆكۈمەتنى يېڭى سودا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كارخانىلارنى قوللاش پىلانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ دېگەن سوئالغا قارىتا، رۇڭپەنياۋۇت بۇ مەسىلىىنىڭ سەزگۈرلۈكى ھەققىدە ھۆكۈمەتنى بۇرۇن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
2025-يىلى 24-ئاپرىل