پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى، رايوندىكى خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى، ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا يېتەكچى بولۇش ئارزۇسى قاتارلىق مۇرەككەپ ھەم زىددىيەتلىك ئامىللار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاش يولىدىكى بىر كۈرەشتۇر. بۇ تەڭلىمىنىڭ مەركىزىدە، خىتاي بىلەن بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى ياتىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC)، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بايراقدار تۈرى سۈپىتىدە بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىتتىپاق پاكىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىن ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق خاتىرىلەندى ۋە ئەيىبلەندى. كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاكىستاننىڭ بۇ كىرىزىسقا قارىتا سۈكۈت قىلىشى، ھەتتا بەزىدە ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى پەقەت گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتپەرەستلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى چوڭقۇر ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي مەھرۇملۇق دەپ قارىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ، پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتايغا بولغان بېقىندىلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي سىياسەتلىرىنى قوللىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، پاكىستانلىق يوتۇبېرلارنىڭ بەس بەستە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىنى ئاقلاش مۇسابىقىسىگە كىرىشى، دۆلەتنىڭ بۇ سۈكۈتىنىڭ جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈش يولى بىلەن قانداق دەستەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بۇ ئانالىز، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تارىخىي نۇقتىدىن قولغا ئېلىپ، ھىندىستان ئامىلى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ پىروپاگاندىسىنىڭ (تەشۋىقاتىنىڭ) تەسىرىنى تەكىتلەيدۇ، سىياسەتنىڭ ئىنسانىي، ئىچكى، رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى قاتلاملىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە پاكىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭقىسلىقى ھەققىدە سوئال ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: خىتاينى قوللايدىغان سىياسەتنىڭ يىلتىزى ۋە زىياﺋۇلھەق
پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 1960-يىللاردا باشلانغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە، ھىندىستان بىلەن بولغان رىقابەت، بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسى ۋە چېگرا توقۇنۇشلىرى پاكىستاننى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا ئۈندىگەن. خىتاي، ھىندىستانغا قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئامىلى سۈپىتىدە پاكىستانغا ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ياردەم بەرگەن، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىقنى كۈچەيتكەن. ئەمما، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتى، 1977-1988-يىللىرى ئارىسىدا پاكىستاننى باشقۇرغان سابىق پىرېزىدېنت زىياﺋۇلھەق دەۋرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بىر سىزىقتا داۋاملاشقان. زىياﺋۇلھەق دەۋرىدە، پاكىستان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق پوزىتسىيەسىدە بولغان، بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بەرگەن ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىگە مۆتىدىل تەنقىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەۋر، پاكىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدا يېتەكچى بولۇش ئارزۇسىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى، ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى بىلەن شەكىللەنگەن.
زىياﺋۇلھەق دەۋرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئىستراتېگىيەلىك سۈكۈت ۋە خىتاينى قوللاش بىلەن خاراكتېرلەنگەن. 1990-يىللاردىن باشلاپ، خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى، پاكىستاننىڭ بۇ ئىتتىپاققا بولغان بېقىندىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 2015-يىلى باشلانغان پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى، 62 مىليارد دوللارلىق سېلىنما بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينى پاكىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ ئىقتىسادىي بېقىندىلىق، ھىندىستان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پاكىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئاساسەن مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈردى. ھىندىستاننىڭ رايون خاراكتېرلىك كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى ۋە كەشمىردىكى جىددىيچىلىكلەر، پاكىستاننى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ياردىمىگە تېخىمۇ موھتاج قىلدى. مەسىلەن: خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننىڭ مەيدانىنى قوللاپ، ھىندىستانغا قارشى بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ ئامىل بولۇپ كەلدى. بۇ نۇقتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش، پاكىستان ئۈچۈن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى خەۋپسىزلىك جەھەتتىنمۇ ئىستراتېگىيەلىك بىر خەتەر ھېسابلىنىدۇ.
پاكىستاننىڭ خىتاينى ياقلايدىغان پوزىتسىيەسى رەسمىي باياناتلاردىمۇ ئېنىق كۆرۈنمەكتە. 2019-يىلى بىر پاكىستانلىق دىپلومات شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ياكى مەدەنىيەت زۇلمى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» بايانىنى قوللىغان. 2021-يىلى بولسا، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ئىمران خان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنى تەكىتلىگەن ۋە غەربنىڭ تەنقىدلىرىنى سىياسىي غەرەزلىك دەپ ئاتىغان. بۇ تارىخىي ئىزچىللىق، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھىندىستان بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك مەركەزلىك گېئوپولىتىكىلىق ئىستراتېگىيەلەر بىلەنمۇ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى: ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى پاجىئەسى
پاكىستان، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدىن قاچقان سانى تولىمۇ ئاز، ئىنتايىن ئاجىز بىر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى توپىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ مۇساپىرلار ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، پاكىستانلىق ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش، پاراكەندە قىلىش ۋە بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەتتىن قوغلاپ چىقارماقتا. دوكلاتلاردا، پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئاخبارات ئورتاقلىشىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە بەزى مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ كىشىلەر خىتايدا قىيناش، تۈرمىگە تاشلىنىش ياكى تېخىمۇ ئېغىر مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ 2023-يىلى رامىزان ئېيىدا زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قىلىنىۋاتقان نازارەت ۋە تەھدىتلەرنى كۈچەيتتى. قانۇنىي سالاھىيەتتىن مەھرۇم نۇرغۇن ئۇيغۇر، ئولتۇرۇش ياكى پۇقرالىق سالاھىيىتى ئېلىشتا بىيۇروكراتىك توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا، بۇ ئۇلارنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلماقتا. 2023-يىلى نويابىردا، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» پاكىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇر مۇساپىرنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئۇزۇن قولىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، پاكىستانلىق ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ھەرىكىتىنى چەكلەش توغرىسىدا بېسىم قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پاكىستاننى «خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن، پاكىستاننىڭ بۇ پوزىتسىيەسى پەقەت مۇساپىرلارغا قارىتا سەل قاراشلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىشتەك بىر جىنايەت شېرىكچىلىكىدۇر. بۇ سىياسەتلەر، 1951-يىلىدىكى مۇساپىرلار كېلىشىمى، ب د ت نىڭ قىيناشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا خىلاپ بولۇپ، پاكىستاننى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر: ئىسلام ئىتتىپاقلىقى ئارزۇسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە يوتۇبېر پروپاگاندىسى
مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پاكىستان، تارىختا كەشمىر، پەلەستىن ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىغا قارىتا سۈكۈت قىلىشى، پاكىستاننىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ چىنلىقىغا داغ چۈشۈردى. كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن، بۇ سۈكۈت، پاكىستاننىڭ ئىسلام قېرىنداشلىقى پىرىنسىپىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى ۋە ئەخلاقىي چۆكۈشكە يۈز تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان دىنىي ۋە جىھادىي گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى، دۆلەتنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ ياراتقان ئىستراتېگىيەلىك مەجبۇرىيەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن.
جامائەت پىكرى سەۋىيەسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇش چەكلىك، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى، بولۇپمۇ X (سابىق تىۋىتتېر)، بەزى پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاندىكى روزا چەكلىمىسى قاتارلىق ۋەقەلەر، خەلق ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان، ئەمما بۇ نارازىلىقلار دۆلەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسىغا چەكلىك ئورۇن بېرىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بايانى جامائەت مۇنازىرىسىنى توسۇپ قويغان. ئەمما، تېخىمۇ ئەندىشە قىلارلىق بىر يۈزلىنىش شۇكى، پاكىستانلىق يوتۇبېرلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىنى ئاقلاش مۇسابىقىسىگە كىرىشىشىدۇر. بەزى داڭلىق پاكىستانلىق مەزمۇن ئىشلىگۈچىلەر، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ۋە «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» دەپ چۈشەندۈرگەن ئونلارچە ۋىدېيولارنى ئېلان قىلدى[1, 2, 3]… بۇ ۋىدېيولار، خىتاينىڭ رەسمىي بايانىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يا كۆرمەسكە سېلىپ ياكى قانۇنلاشتۇرۇپ كۆرسەتمەكتە. بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىقتىسادىي تۈرلىرىنى ماختايدىغان تەلەپپۇزدا بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ كۆرسىتىدۇ.
بۇ يوتۇبېرلارنىڭ پائالىيەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاكىستاننىڭ جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قوللىشى ياكى دۆلەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئىشلەندى دەپ قارالغان بۇ مەزمۇنلار، پاكىستان جەمئىيىتىدە خىتايغا قارىتا ئىجابىي بىر ئوبراز يارىتىشنى مەقسەت قىلماقتا. لېكىن، بۇ تەشۋىقات ئۇرۇنۇشلىرى كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان پاجىئەسىگە كۆزگە يۇمۇشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە پاكىستاننىڭ ئىسلام ئىتتىپاقلىقى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىدۇ. يوتۇبېرلارنىڭ بۇ مۇسابىقىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاكىستاندىكى پىكىر ئەركىنلىكى مۇھىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى تەنقىدىي ئاۋازلار بوغۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينى ياقلايدىغان مەزمۇنلارغا يول ئېچىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، بۇ خىل مەزمۇنلارنىڭ پاكىستان جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر كىرىزىسىغا بولغان تونۇشنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال، پاكىستاننىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زىددىيەت، بولۇپمۇ ياشلار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە قارىتا نارازىلىقنى كۈچەيتمەكتە، بۇمۇ ئۇزۇن مۇددەتتە ئىچكى مۇقىمسىزلىققا يول ئېچىشى مۇمكىن.
رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى مۇناسىۋەتلەر: ھىندىستان ئامىلى ۋە كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرى بىلەن توقۇنۇش
پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، رايونلۇق ۋە يەرشارىۋى گېئوپولىتىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھىندىستان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان رىقابەت، بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسى ۋە چېگرا توقۇنۇشلىرى، پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. ھىندىستاننىڭ رايون خاراكتېرلىك كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى، پاكىستاننى خىتاينىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ياردىمىگە تېخىمۇ بېقىندى ھالغا كەلتۈردى. پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى، پەقەت ئىقتىسادىي بىر تۈرلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستانغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك بىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئامىلى دەپمۇ قارالماقتا. خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننى قوللىشى ۋە ھىندىستانغا قارشى دىپلوماتىك بىر قالقان بىلەن تەمىنلىشى، بۇ ئىتتىپاقنىڭ خەۋپسىزلىك قاتلىمىنى كۈچەيتتى. بۇ دائىرىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش، پاكىستان ئۈچۈن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ھىندىستانغا قارشى ھاياتىي مۇھىم بىر ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىمۇ تۇغدۇرىدۇ.
مۇسۇلمان دۇنياسىدا، پاكىستاننىڭ سۈكۈتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق سۇپىلاردىمۇ ئەكس ئەتمەكتە.ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پەقەت مۆتىدىل باياناتلارنى بېرىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھېكايىسىنى قوللىدى. بۇ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تۈرلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي ئۇتۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. پاكىستاننىڭ بۇ ئورتاق تونۇشقا ماسلىشىشى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، بۇ پوزىتسىيەنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ بىر ئەخلاقىي مەغلۇبىيىتى دەپ باھالىماقتا.
يەرشارى سەۋىيەسىدە، پاكىستاننىڭ پوزىتسىيەسى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا، شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلەر سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان. پاكىستاننىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشى، غەرب بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك باغلىنىشلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى ئاقلايدىغان باياناتلىرىغا قوشۇلۇشى، بۇ خىيانەتنى تېخىمۇ ئاشكارا ھالەتكە كەلتۈردى. كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن، بۇ ئەھۋال، پاكىستاننىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا بولغان ساداقىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى ۋە مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن خۇلاسىلەر: ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي چۆكۈش
كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى پەقەت بىر سۈكۈت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتالغان سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ جىنايەت شېرىكچىلىكىدۇر. خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان باياناتلار ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىشى ھەمدە دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، پاكىستاننى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى دەپسەندە قىلغۇچى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇ سىياسەتلەر، پاكىستاننىڭ ئۆز مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئارزۇسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ، ئىسلام قېرىنداشلىقى پىرىنسىپىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتا.
ئىچكى جەھەتتە، پاكىستاننىڭ سۈكۈتى ۋە يوتۇبېرلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پروپاگاندا، خەلق ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلماقتا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلاقىي قانۇنىيلىقىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر كىرىزىسىغا بولغان تونۇشنىڭ ئېشىشى، بولۇپمۇ ياشلار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا، ھۆكۈمەتكە قارىتا تەنقىدلەرنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. بۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە ئىچكى مۇقىمسىزلىققا يول ئاچىدۇ. يەرشارى سەۋىيەسىدە، پاكىستاننىڭ پوزىتسىيەسى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى يېتەكچىلىك ئارزۇسىنى زەخىملەندۈرىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولۇش جەھەتتىكى ئىشەنچلىكلىكىنى يوقىتىدۇ.
پاكىستان سىياسەتلىرىنىڭ ئىنسانىي بەدەللىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ياشاۋاتقان پاجىئەسىدە ئېنىق كۆرۈنمەكتە. بۇ مۇساپىرلار، پاكىستاندا بىخەتەر بىر پاناھلىق تېپىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى بولغان بىر مۇھىتتا ياشىماقتا. پاكىستاننىڭ بۇ سىياسەتلىرى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنىڭمۇ دەپسەندىچىلىكىدۇر.
خۇلاسە
پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر بىر ئىككىلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر پاجىئەدۇر. ھىندىستان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، پاكىستاننىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئاشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىدا سۈكۈت قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاشنى قىستاپ كەلدى. زىياﺋۇلھەق دەۋرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىگە بېرىۋاتقان ئىزچىل قوللىشى، پەقەت ئىستراتېگىيەلىك بىر تاللاش بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا قىلىنغان بىر خىيانەت دەپ قارىلىشى كېرەك. پاكىستانلىق يوتۇبېرلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلاش مۇسابىقىسىگە كىرىشى، بۇ سۈكۈتنىڭ جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ياشاۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسى، پاكىستاننىڭ خەلقئارا قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە جىنايەت شېرىكچىلىكى قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىغا بولغان يەرشارىۋى تونۇش كۈچەيگەنسېرى، پاكىستان ئەخلاقىي كىملىكى بىلەن گېئوپولىتىكىلىق ئالدىنقى شەرتلىرى ئارىسىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر. ھىندىستان بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى ۋە خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي بېقىندىلىق بۇ كېلىشىمنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرسىمۇ، پاكىستاننىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشى، ھەم ئىچكى ھەم خەلقئارا مەشرۇئىيىتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ. ئۇيغۇر كىرىزىسى، پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەخلاقىي چېگرالىرىنى سىنايدىغان بىر سىناق تېشىدۇر، بۇ سىناقتىن ئۆتۈپ-ئۆتەلمەسلىكى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پاكىستاننىڭ ئۆز كەلگۈسىنىڭ تەقدىرىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. پاكىستاننىڭ بۇ كىرىزىستە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭ پەقەت بىر دۆلەت سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئەخلاقىي ئاكتور سۈپىتىدىكى كىملىكىنىمۇ قايتىدىن نامايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى | تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
2025-يىلى 2-ماي