خىتاي بېيجىڭدا ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە يېڭى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى 

«زېمىستان» (Bitter Winter) تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملاشماقتا.

«زېمىستان» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئاتالمىش «خىتايلاشتۇرۇش» دىنلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) ئىدېئولوگىيەسى ۋە مۇتلەق كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى نىشان قىلىدىكەن. بۇ سىياسەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنلارنى دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان «خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى مۇسۇلمان خەلقلەر دىنىي ئېتىقادى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا، يەنى 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي سوتسىيالىزم ئاكادېمىيەسىدە «2025-يىللىق خىتايدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە ئەگىشىش» تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۇرسقا خىتايدىكى ئىسلام دىنىي زاتلىرى، ئىماملار ۋە ئاتالمىش ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە خ ك پ نىڭ دىنغا دائىر سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان.

كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ۋە مەركىزىي سوتسىيالىزم ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شۈ شاۋگاڭ قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن. مۇراسىمغا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۆھتىرەم شېرىپ رىياسەتچىلىك قىلغان. ياڭ فامىڭ نۇتقىدا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى شى جىنپىڭ ئىدىيەسى بىلەن يېتەكلەشنىڭ، شى جىنپىڭنىڭ دىنىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەمدە خ ك پ نىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ سۆزلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچە سوتسىيالىزمغا «ماسلاشتۇرۇش» نىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سەككىز كۈن داۋاملاشقان بۇ تەربىيەلەش پىروگراممىسىدا بىر قاتار سىياسىي مەزمۇنلار ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان. «زېمىستان» تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۇرسنىڭ مۇھىم تېمىلىرى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش»، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىنىي خىزمەتلەر ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسى» ۋە «خىتاي مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غايىلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيەسىگە سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلىدىكەن. قاتناشقۇچىلاردىن خ ك پ نىڭ دىن سىياسەتلىرىنى بىردەك قوللاش ۋە ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» قا بەل باغلاش تەلەپ قىلىنغان.

sidfsdf

تەربىيەلەش جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە، «خىتايدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا سادىق بولۇش»، «كۇڭزىچىلىقنى ئۆگىنىش» ۋە «ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش — خ ك پ نىڭ ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» تا قوللىنىۋاتقان مۇھىم ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھى ۋە ئەنئەنىلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى ھەمدە سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش مەۋجۇت. بۇ خىل سىياسەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە دىنىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى تەدرىجىي يوقىتىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

«زېمىستان» تورىنىڭ ئانالىزىچە، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ئۇنى دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولۇپ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل سىياسەتلەر خەلقئارا جەمئىيەتتە دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

مەنبە:

https://bitterwinter.org/sinicization-of-islam-continues-at-full-speed/