پىروفېسسور دوكتور ئادەم ئەسەن
يېڭى مەرام
تۈركىيەنىڭ يەر كۆلىمىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە چوڭ بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قۇملۇقلىرىدىن سانىلىدىغان تەكلىماكان قاپلاپ ياتىدۇ، قالغان كەڭ زېمىنى بولسا مۇنبەت تۇپراقلىرى ۋە مول كان بايلىقلىرى بىلەن داڭلىقتۇر. شۇڭا ئۇ «خەزىنىلەر دىيارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئوتتۇز مىليون ياكى شۇنىڭغا يېقىن دېگەندەك خىلمۇخىل مەلۇماتلار مەۋجۇت.
1953-يىلىغىچە يەرلىك نوپۇسنىڭ ئاران %6 نى ئىگىلىگەن خىتايلارنىڭ سانى 2000-يىلىغا كەلگەندە %40 كە يەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرىلىغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇ زېمىندا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەردىن ھەرخىل يوللار ئارقىلىق خەۋەر تېپىۋاتىمىز. بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى – مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىينىڭ لىۋان تىرىپولى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلىدا يازغان ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىدۇر. «سىراﺋۇل-ھەۋىييە ئەس-سىياسىييە فى تۈركىستان ئەش-شەرقئيە تەھەددىياتۇل-ۋاقىﺋ ۋە ئافاقۇد-دەۋر» (شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي كىملىك مۇنازىرىسى، نۆۋەتتىكى رېئاللىق ۋە كەلگۈسىدىكى رولى) دەپ ئاتالغان بۇ ئەسەر ئىستانبۇلدىكى ئىرا ئاكادېمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن كىتاب قىلىپ چىقىرىلغان.
بۇ كىتابقا قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور سەيفىددىن ئابدۇلفەتتاھ تەقرىز يازغان بولۇپ، ئۇ سۆزىنى دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭىدا ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ «بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماسلىقى» كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتىن باشلىغان. ئۇ يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچىنىڭ ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭمۇ قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمان ئۈممىتىنى «ئوتتۇرھال ئۈممەت» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئابدۇلفەتتاھ كىتاب ئاپتورىنىڭ 18-ئەسىردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئاز سانلىق مىللەت ئورنىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي مەسىلىلەرنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان. گەرچە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى – يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق، قىيىن-قىستاق ۋە تۈرلۈك زۇلۇملار خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەزلۇم خەلق تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقا ئەللەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە مەدەت تاپالماي كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى، ھېچ بولمىغاندا، ھەدىستە «ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسى» دەپ تەرىپلەنگەن مەنىۋى يۆلەك بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئورگانلىرى، ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە مائارىپىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىم سىياسەتلىرى؛ ئۆلىما-ئالىملار ۋە زىيالىيلارنى باستۇرۇشى؛ جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختىلىنغان. شۇنداقلا، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى باھانە قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ۋە زۇلۇملار كونكرېت مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى بابتا بولسا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي گەۋدىلىرى، قوراللىق تەشكىلاتلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەم ئۇنىڭ سىرتىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە سۇرىيەدىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان.
شەرقىي تۈركىستان تارىختا ھېچقاچان خىتايغا تەۋە بولۇپ باقمىغان. چۈنكى بۇ قەدىمىي زېمىندا تارىختا پارسلار ياشىغان، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئېتىقادلىرى مەۋجۇت بولغان، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ نۇرى بۇ دىيارنى يورۇتۇپ، ئۇلۇغ ئىسلام مەدەنىيىتى مۇشۇ تۇپراقتا گۈللەپ ياشنىغان. يىلتىزى قەدىمكى ھونلارغا تۇتىشىدىغان بۇ رايونغا ئىسلام دىنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە تارقالغان. كېيىنچە، ئۇيغۇرلار قۇرغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 10-ئەسىردە ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى بىلەن، قاراخانىيلار تۈركىي خەلقلەر تارىخىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلغان. مەھمۇد قەشقىرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» قاتارلىق تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلمەس گۆھەرلىرى دەل مۇشۇ مۇبارەك تۇپراقتا يېزىلغان.
18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتاي چىڭ سۇلالىسىنىڭ رايوندىكى تەسىرى كۈچىيىپ، 1757-يىلى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن شەھەرلەر ۋەيران قىلىنىپ، يەرلىك تۈرك خەلقى تەدرىجىي نامراتلىشىشقا ۋە ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىشقا باشلىغان. 1864-يىلى ياقۇب بەگ قەشقەردە خانلىق تىكلەپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىز ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە رەسمىي بېقىنىپ، ئوسمانلى خەلىپە-سۇلتانى نامىدا خۇتبە ئوقۇتۇپ، پۇل زەرب قىلغان. ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، 93 ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان 1877-1878-يىللىرىدىكى ئوسمانلى-رۇسىيە ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى بۇ يەرنى قايتا ئىشغال قىلىپ، 19-ئۆلكىسى قىلىپ تەسىس قىلغان ۋە ئۇنىڭغا «يېڭى چېگرا»، «يېڭىدىن ئېچىلغان زېمىن» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» دەپ نام بەرگەن. ئەمما، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ھەرگىز توختاپ قالمىدى، 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 1944-يىلى قايتا پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى نەتىجىسىدە يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىۋالدى. ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن يەنە قاراڭغۇ كۈنلەر باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئانادولۇ بىلەن بولغان قېرىنداشلىق رىشتىنى ھېچ قاچان ئۈزمىگەن؛ بالقان ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە ماددىي ياردەم ئەۋەتكەن، ھەج سەپەرلىرىنى كۆپىنچە ئىستانبۇل ئارقىلىق ئورۇنلىغان. بىر مەزگىل چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسىملىرىغا كۆز تىككەن. شۇڭا بۇ رايون تارىختىن بۇيان خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ رىقابەت مەيدانى بولۇپ كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربىي تۈركىستاندىكى قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق بايرىقىنى لەپىلدەتكەن بولسا، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېخىمۇ ئېغىر تەھدىتلەرگە ۋە زۇلۇملارغا دۇچار بولماقتا.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈرەشى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىسلام ئېتىقادىنى ۋە تۈركىي مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈندۇر. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بولسا بۇ كىملىكنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك رەزىل سىياسەتلەرنى قوللانماقتا؛ كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا؛ خەلقنى قەستەن نامراتلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىگە بويسۇنمىغانلارنى «تېررورچى» قالپىقى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا جار سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە. يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا. ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ بۇرمىلاپ، ياش ئەۋلاد ۋە سەبىي بالىلارنى شۇ ئاساستا «تەربىيەلەش»كە ئۇرۇنماقتا. ئەقىلگە سىغمايدىغان تۈرلۈك قىلمىشلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر. مەسىلەن، «قېرىنداش ئائىلە» دېگەن نام ئاستىدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىر خىتاي ئەرنى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ ئائىلىنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىنى ۋەيران قىلماقتا، بۇنى قوبۇل قىلمىغانلارنى بولسا سۈرگۈن قىلىش ياكى تۈرمىگە تاشلاش بىلەن قورقۇتماقتا.
2025-يىلى 5-ماي