ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق ئىسلام بىلىملىرى ئوقۇغۇچىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىستان تايمز؛ ئىستانبۇل –

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە، 4- ماي جۈمە كۈنى،ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق ئىسلام بىلىملىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇيىغىن تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردائىسلام بىلىملىرى ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم سۇپاھازىرلىدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىستانبۇلدىكى ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

مۇھاكىمە يىغىنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، چاناققەلئە 18- مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان ۋەشەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت،دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق ئۇستازلار ئېچىلىش نۇتۇقلىرىنى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى ئىلمىي پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، شۇنداقلا ياش تەتقىقاتچىلارنى قوللاش ۋەرىغبەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىن ئۈچ باسقۇچلۇق ئىلمىي سۇنۇم (تەقدىملەر) شەكلىدەئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان 10 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچى، ئۆزلىرىنىڭ تەپسىر، ئىسلام پەلسەپەسى،ئەرەب تىلى، فىقھى (ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى)، ئىسلام مەزھەپلىرى تارىخى، قۇرئان تەتقىقاتى، تارىختىكى ئۇيغۇرئالىملارنىڭ ئىلمىي مىراسلىرى ۋە نۆۋەتتىكى بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دائىر ئاكادېمىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ۋە تەقدىملەردىن كېيىن قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ياش ئەۋلادنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشلىرىنى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن باغلاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا، ماقالە تەقدىم قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتلىرى ۋە خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

2025-يىلى 5-ماي