خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ساغلاملىق تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلەش كۇرسىنى تونۇشتۇردى. (خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى)
تۈركىستان تايمىس - 2025-يىلى 6-ماي، ئىستانبۇل: دۇنياغا مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ھەربىي-ئىقتىسادىي تەشكىلات – خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن ئۇزۇن يىل ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە كەسكىن تەنقىدلەرنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى.
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 2019-يىلدىن 2023-يىلى 10-ئايغىچە بولغان تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا مەخسۇس تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىنى يولغا قويغان. خارۋارد تەرەپ بۇ تەربىيەنى خىتايدىكى ئاممىۋى خادىملارنىڭ «سۇغۇرتا پىلانلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەم سىجىل مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دەل كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ھەتتا ئامېرىكا تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا چېتىشلىق دەپ قارالىپ جازاغا تارتىلغان بىر تەشكىلاتنىڭ كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەندى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 1954-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپ كەلدى. بۇ تەشكىلات يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەش ۋە رايوننى «مۇقىملاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلمەكتە. 2017-يىلدىن كېيىنكى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان پاكىت ۋە گۇۋاھلىقلار مەۋجۇت. دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن ھەر قانداق سودا-ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.
ئەمما خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىگە پىسەنت قىلماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلىگەنلىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە نۇرغۇن سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. NewsBytes، Regtechtimes، Shia Waves قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە X (تۋىتتېر) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خارۋاردنىڭ بۇ قىلمىشى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇش»، «ئەخلاقسىزلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولۇش» ۋە «جازا بۇيرۇقىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلەندى. مەسىلەن، @isaacstonefish ئىسىملىك داڭلىق كۆزەتكۈچى بۇنى «خارۋاردنىڭ جازا تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.
بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك نارازىلىقنى پەسەيتىشكە يېتەرلىك بولمىدى. ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزىنىڭ پىروگراممىلىرىنىڭ «ئاممىۋى مەنپەئەت» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى ۋە جازا مەزگىلىدە بۇ ھەمكارلىقنى قانداق داۋاملاشتۇرغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك جاۋاب بېرەلمىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنى مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبلىكلا جازا لاگېرلىرىغا تاشلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيىن-قىستاق، مېڭە يۇيۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق زۇلۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق كۈچلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن بىر شارائىتتا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدەك نوپۇزلۇق بىر ئىلىم دەرگاھىنىڭ بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئىلىم ساھەسىنىڭ ئەخلاقى جاۋابكارلىقى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر سوئاللارنى پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقلاردا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي چەكلىمىلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى.
ھازىر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق كونكرېت قەدەملەرنى ئالىدىغانلىقىغا، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە. ئۇيغۇر جامائىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خارۋارددىن بۇ خىل ئەخلاقسىز ھەمكارلىقنى دەرھال توختىتىشنى، ئۆتكەنكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى ئېنىق مەيداندا تۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.