يازغۇچىلار: گرانت رۇملېي، ئارون ي. زېلىن
ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى | 2025-يىلى 17-ئاپرېل
تەرجىمە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى | تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى خەۋپىدىن ئەندىشە قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە بىلەن سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىشنى كۆزلىگەن بېيجىڭ، دەمەشىقتىكى يېڭى سىياسىي رېئاللىققا تېز سۈرئەتتە ماسلىشىشقا تىرىشماقتا.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى پەقەت سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىلا زىل-زىلىگە سېلىپ قالماي، بۇ رايوندا ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر قاتار تاشقى كۈچلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ كۈچلەر قاتارىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى دىپلوماتىيە مەيدانىدا ھىمايە قىلىش ۋە ئۆزىنى «سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىنى تاشقى مۇداخىلىدىن قوغدىغۇچى» سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن پۇختا مۇناسىۋەت ئورناتقان خىتايمۇ بار. بۇ مۇناسىۋەت سايىسىدە ، بېيجىڭ 2011-يىلى پارتلىغان ئەسەدكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرى، يەنى، ئۆز ۋەتىنىدە زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ كەلگەنىدى.
بۇ ئۆزئارا مەنپەئەتلىك مۇناسىۋەت، دېكابىردىكى سىياسىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن بۇزۇلدى. ھازىر بېيجىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، سىياسىتىنى قايتىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر بولماقتا. ئەسەد يىقىلىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋەزىيەتتىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تېررورچى ۋە رادىكال كۈچلەرنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. لېكىن، ئاران ئىككى ئايدىن كېيىن، ۋاڭ يى خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى باش ئەلچىسى شى خوڭۋېينى ئەۋەتىپ، سۈرىيەنىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى ئەھمەد شارا (ئەششەرئ) بىلەن ئۇچراشتۇردى. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى كۆرۈنەرلىك جانلىق پوزىتسىيەسى، بىر تەرەپتىن سۈرىيەنىڭ بېيجىڭنىڭ رايون ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىملىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ لېۋانت رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى يوشۇرۇن ئارىلىشىش ئېھتىمالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
خىتاينىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى
ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلىشتىن ئىلگىرىكى يىللاردا، بېيجىڭ ئەسەدنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئىزچىل نامايان قىلىپ كەلگەنىدى. 2011-يىلدىن بۇيان خىتاي ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە جەمئىي ئون تۆت قېتىم ۋېتو ھوقۇقىنى قوللانغان بولسا، بۇنىڭ سەككىزى رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. بېيجىڭنىڭ بۇ دائىملىق دىپلوماتىك قوغدىشى ھەتتا 2023-يىلى ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى خىتايدا كۈتۈۋېلىشقىچە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەينى قېتىم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «خەلقئارا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى بىرلىكتە قوغداش»قا ۋەدە قىلىنغان بىر بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلغانىدى.
بۇ خىل سىياسەت، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى بىر خىل تەڭشەش ئىدى. 2010-يىلى رايون مىقياسىدا «ئەرەب باھارى» نامىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرى قوزغالغاندا، بېيجىڭ ئاۋامنىڭ نامايىشلىرىنى قوللىغاندەك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ، دەسلەپتە ئېنىق مەيدان بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان «ئارىلاشماسلىق» ۋە «ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش» قاتارلىق تاشقى سىياسەت پىرىنسىپلىرىنى تەكىتلىدى. بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئارقىسىدا، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قوزغىلاڭلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشى ياتاتتى.
ئەمما، لىۋىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ بۇ پىرىنسىپلىرىنى سىناققا ئۇچراتتى. 2011-يىلى مارتتا، بېيجىڭ ئادىتىگە خىلاپ ھالدا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا يول ئاچقان 1973-نومۇرلۇق قارارىغا بېلەت تاشلىغاندا بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللىدى. بۇ قارار ناتونىڭ قەززافى ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقتا، خىتاي شىركەتلىرى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا 30 مىڭغا يېقىن پۇقراسىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئەھۋال دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رايون سىياسىتىدىكى «ئىزچىللىقنىڭ يېتەرسىزلىك» ىنى تەنقىد قىلىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭدىن ئالتە ئاي كېيىن، بىخەتەرلىك كېڭىشى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان يېڭى بىر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بېيجىڭ قەتئىي رەت قىلىپ، ۋېتو ھوقۇقىنى قوللاندى.
خىتاينىڭ ئەسەدنى قوللىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل، ئۇنىڭ بىۋاسىتە دۆلەت ئىچى مەنپەئەتلىرىگە، يەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتىشاتتى. سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنقى يىللاردا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە مىللىي توقۇنۇشلار يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرگۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلار تۈپەيلىدىن، مىڭلىغان ئۇيغۇر (ئۇلار شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ) ئافغانىستان، پاكىستان، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرگە قېچىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (TIP) ۋە «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق خەلقئارالىق قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. كېيىنچە، بۇ تەشكىلاتلاردىن بەزىلىرى سۈرىيەدىكى ئەسەدكە قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقاندا، ئۇيغۇر جەڭچىلەرمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ سۈرىيەگە كەلدى. ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىنكى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سانى مىڭلىغان دەپ مۆلچەرلەندى.
-2015يىلى، بېيجىڭ بۇ جەڭچىلەرنىڭ خىتايدىن «قانۇنسىز يوللار بىلەن چىقىرىلىپ»، سۈرىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش دۆلەتلەردە «تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى» كۆرۈۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. 2016-يىلغا كەلگەندە، خىتاي ۋە سۈرىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ جەڭچىلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئايلىق ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقتى. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ۋەتەنگە قايتىپ، دۆلەت ئىچىدە تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن «پۇرسەت كۈتۈۋاتقان» ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى يېڭىدىن ئېرىشكەن جەڭ تەجرىبىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىشلىتىش ئارزۇسىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنىدى.
بېيجىڭنىڭ يېڭى دەمەشىقتىن كۈتكەن مەنپەئەتى
ئەسەدنىڭ يىقىلىشى، دەسلەپتە بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. چۈنكى، ئۆكتىچىلەر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپلا قالماي، بۇنى ئۆز سېپىدە ئۇيغۇر جەڭچىلىرى بولغان ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى. ھەتتا بۇ جەڭچىلەرنىڭ بەزىلىرى ھازىر يېڭى ھۆكۈمەتتە يۇقىرى ئورۇنلارنى ئىگىلىدى، مەسىلەن: بىر قانچە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى قوماندانىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئوفىتسېر دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، پىرېزىدېنت جەۋلانىنىڭ خاس مۇھاپىزەتچى قوشۇنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازدىن كەلگەن چەتئەللىك جەڭچىلەر بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا.
بۇ ئەندىشىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي يېڭى ھۆكۈمەتكە قارىتا ئىككى يۆنىلىشلىك سىياسەت قوللانماقتا. بىر تەرەپتىن، ئۇ ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەتتىكى گەۋدىلىك ئورنىنى ئەيىبلىدى. دېكابىردا، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ جەڭچىلەرگە «قەتئىي زەربە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى. مارت ئېيىدا [ئەسلى ئۇلانما] بولسا، بېيجىڭ سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش»نى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىگە قارشى «كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىش»نى تەلەپ قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەلىكلەر يېتەكچىلىكىدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى كۆزدە تۇتقان 2254-نومۇرلۇق قارارىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بىراق، شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى [ئەسلى ئۇلانما] مەيدانى بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دۆلەتلەرنى سۈرىيە ھۆكۈمىتى (يەنى ئەسەد ھاكىمىيىتى) بىلەن «ھەمكارلىشىش»قا چاقىرغان بولسا، بۇ يىل يانۋاردىكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا [ئەسلى ئۇلانما] پەقەتلا سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارنىڭ «روھىغا ئاساسەن» ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، بېيجىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، سىياسىتىنى ئىنچىكە تەڭشەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
شارانىڭ تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى
دەمەشىقنى كونترول قىلغاندىن بۇيان، سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. بۇ ماقالە يېزىلغان ۋاقىتقىچە، ئۇلار 600 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە ئورناتتى. ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان رەسمىي ئالاقە ھازىرغىچە پەقەت تۆت قېتىملا خاتىرىلەندى:
- فېۋرالنىڭ بېشىدا، بىر خىتاي سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ھەمكارلىقىنى جانلاندۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.
- فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىدا، خىتاي باش ئەلچىسى شى خوڭۋېي، پىرېزىدېنت شارا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى.
- مارتنىڭ ئاخىرلىرىدا، باش ئەلچى شى خوڭۋېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ [ئەسلى ئۇلانما]، «خىتاينىڭ سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى»، «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى» قايتا تەكىتلەپ، «ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتنى يېڭىپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى ئۈچۈن سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
- مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سۈرىيە دېھقانچىلىق مىنىستىرى سۈرىيە-خىتاي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، دېھقانچىلىق ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئىستراتېگىيەلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سىياسىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىلغان بۇ دەسلەپكى ئۇرۇنۇشلار، بېيجىڭنىڭ 2021-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن ۋە تالىبان ھاكىمىيەتنى قايتا ئالغاندىن كېيىن قوللانغان ئەمەلىيەتچان سىياسىتىنى سۈرىيەدىمۇ تەكرارلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتىن بېرى، گەرچە تالىبان ئىلگىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان بولسىمۇ، خىتاي ئافغانىستان بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ سۈرىيە ياكى باشقا ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارىغاندا، خىتايغا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بىۋاسىتە ۋە تېخىمۇ يېقىن بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئافغانىستان زېمىنىنىڭ تاشقى ھۇجۇملار ئۈچۈن بازا بولمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ۋەدە قىلغان. گەرچە بۇ ۋەدە، ئافغانىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە سودىگەرلىرىنى نىشان قىلغان «ئىسلام دۆلىتى – خوراسان ۋىلايىتى» (ISKP) گۇرۇپپىسىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارشى ھۇجۇم پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئىسپات يوق.
سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئەسلىدە ھەيئەت تەھرىر شام (HTS) تەشكىلاتىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە كۆرسەتكەن سىياسىي ئەمەلىيىتى تالىبانغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا مۆتىدىل. ئۇلار يەنە چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىشىنى «قىزىل سىزىق» دەپ بىلىپ، بۇنى قەتئىي چەكلەيدۇ. مەسىلەن، 14-يانۋاردا ئۇلار مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ سىسى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان بىر مىسىرلىق جەڭچىنى دەرھال قولغا ئېلىشقا بۇيرۇدى [ئەسلى ئۇلانما].
يېقىندا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئۆزىنىڭ يېڭىلانغان نىزامنامىسىنى [ئەسلى ئۇلانما] ئېلان قىلىپ، تەشكىلات نامىنى ئەسلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» (ETIP) غا قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈرەش نىشانىنى پەقەت شىنجاڭ مەسىلىسىگىلا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر. شۇڭا، يېڭى نىزامنامىدە خىتايغا قارشى كۈرەش ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرىكى يىگىرمە يىلدا، يەنى ETIP دىن TIP غا ئۆزگەرگەندىن بۇيان ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن خەلقئارالىق جىھاد ئىدىيەسى بىر قەدەر سۇسلاشتۇرۇلغان. نۇرغۇن جەھەتتىن، بۇ تەشكىلات تالىبان ۋە HTS يولغا قويغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان «سىياسىي جىھادچىلىق» مودېلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھازىر كېسىپ ئېيتىش تەس. ئەمما، ETIP نىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشى، شۈبھىسىزكى، بېيجىڭنىڭ ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
سىياسەتكە يېتەكچىلىك ۋە تەۋسىيەلەر
گەرچە خىتاينىڭ ئەسەددىن كېيىنكى سۈرىيە بىلەن ئورناتقان ئالاقىسى ھازىرچە چەكلىك بولسىمۇ، شۇنداقلا، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئېنىق ئىنتىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ۋاشىنگتون يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ھازىرقى سالقىن پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى بىلمىگەن ھالدا بېيجىڭنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە يولۇقىدۇ. تارىختا رۇسىيە دەمەشىقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىر رۇسىيەدە خىتاي تەمىنلىيەلەيدىغان زور ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كۈچى يوق. بولۇپمۇ، ئون تۆت يىللىق ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە قايتا قۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى ھەر قاچاندىكىدىنمۇ جىددىي بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ تېخىمۇ روشەن.
شۇڭلاشقا، بېيجىڭنىڭ دەمەشىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، ۋاشىنگتون دەرھال بىر ئېنىق ۋە ئەمەلىي ئارىلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم. بۇ پىلان شارانىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش [ئەسلى ئۇلانما]، سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي جازالارنى يېنىكلىتىش [ئەسلى ئۇلانما] ۋە ئومۇمىي ئىجازەتنامە 24 (General License 24) [ئەسلى ئۇلانما] بويىچە بېرىلگەن ئىقتىسادىي كەچۈرۈملەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشكە مەركەزلىشىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش، بىر تەرەپتىن سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى غەرب دۇنياسىغا يېقىنلىشىشقا ئۈندىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بۇ مۇھىم ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىدە ئۆز نوپۇزىنى كېڭەيتىپ، رايون مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
يازغۇچىلار ھەققىدە
گرانت رۇملېي: گرانت رۇملېي ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مېيسېل-گولدبېرگېر ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە دىئان ۋە گىلفورد گلازېر فوندى جەمئىيىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى.
ئارون ي. زېلىن: ئارون ي. زېلىن ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ گلورىيا ۋە كېن لېۋىي ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى شىمالىي ئافرىقا ۋە سۈرىيەدىكى سۈننىي ئەرەب جىھادىي گۇرۇپپىلىرى، شۇنداقلا چەت ئەللىك جەڭچىلەر ۋە تور جىھادچىلىقى يۈزلىنىشىگە مەركەزلەشكەن.
ئۇ يەنە: گرانت رۇملېي ۋاشىنگتون يېقىن شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مېيسېل-گولدبېرگېر ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە ئۇنىڭ دىئانە ۋە گىلفورد گلازېر فوندى جەمئىيىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، «سىياسىي جىھادچىلىق دەۋرى: ھەيئەتى تەھرىرۇششام تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى.
مەنبە: ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى