ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى

تۈركىستان تايمىس تورى – 2025-يىلى 12-ماي، ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسى مېدان شەھىرىدىكى ئەل ۋاسلىيا نۇسانتارا مۇسۇلمان ئۇنىۋېرسىتېتىدا (UMN) 5-ماي كۈنى «ئىسلامفوبىيە [ئىسلامغا قارشى كەيپىيات] ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى: ئۇيغۇر كىرىزىسى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت «شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسقا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تونۇشۇنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن خەلقئارانىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش» مەقسىتىدە ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېقىندا X [سابىق تىۋىتتېر] ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ھىندونېزىيە دۆلەت شېئىرى، ئۇنىۋېرسىتېت شېئىرى، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئارقىدىن قىلىنغان دۇئالار بىلەن باشلانغان. مەركەزنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىننىڭ بۇ شەكىلدە باشلىنىشى «دۆلەت زۇلۇمى ۋە ئېتىقادنى ئاساس قىلغان كەمسىتىشلەر مەركەز قىلىنغان مۇھاكىمىلەردىن ئىلگىرى، يىغىننىڭ سالمىقىنى نامايان قىلىش»نى مەقسەت قىلغان.

نۇسانتارا مۇسۇلمان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ھاجى مۇھەممەد جەمىل ئېچىلىش نۇتقىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشىنى باشقا چەتكە قېقىلغان مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، قاتناشقۇچىلارنى «بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە» چاقىرغان.

gqcjfphweae9ntk

يىغىندا يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) ياشلار قانىتى ھىندونېزىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئاسترىد ناديا رىزقىتا سۆز قىلىپ، «پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى»نى تەكىتلىگەن . ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ نۇتقى «ئوقۇغۇچىلارنى مائارىپ ۋە تەشۋىقات ئارقىلىق ھەرىكەتكە كېلىشكە سەپەرۋەر قىلىش»قا مەركەزلەشكەن.

مۇھاكىمە گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ۋەزىيەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋە «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىش مەسئۇلىيىتى»نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

يەنە شىمالىي سۇماترا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (UIN Sumatera Utara) ھەسەن ئەسئارى ۋە نۇسانتارا مۇسۇلمان ئۇنىۋېرسىتېتىدىن نېلۋىتىيا پۇرما قاتارلىق ئاكادېمىكلارمۇ يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي چۈشەنچىلىرىنى ئورتاقلاشقان. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار دوكلاتلىرىدا «ئىسلامفوبىيەنىڭ [ئىسلامغا قارشى كەيپىياتنىڭ] تارىخىي يىلتىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش مېخانىزملىرىنى تەھلىل قىلغان».

يىغىن ئەلجەمئىيەتۇل ۋاسلىيا تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھاجى مەشھۇرىل كامىسنىڭ نۇتقى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھەمدەرد بولۇشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ مەزكۇر چاقىرىقى ئارقىلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى «ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئەخلاقىي ۋە ئېتىقادىي مەجبۇرىيەت دەپ قاراش»قا رىغبەتلەندۈرگەن.