سەمىر زۇبەيرى «ئونلارچە» ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا يېتىپ كەلگەنلىكى جەزملەشتۈردى

تۈركىستان تايمىس، 11-ماي – ئىستانبۇل: كانادا «مونترېئال گېزىتى» تورىنىڭ 10-مايدا خەۋەر قىلىشىچە، كانادا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2023-يىلى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، دەسلەپكى تۈركۈمدىكى «ئونلارچە» ئۇيغۇر مۇساپىر كاناداغا يېتىپ كەلگەن. بۇ ئۇچۇرنى مەزكۇر قارارنىڭ تەشەببۇسچىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەيرى شەنبە كۈنى مونترېئال تور گېزىتىگە ئاشكارىلىغان.

سەمىر زۇبەيرى گەرچە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئېنىق سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە كاناداغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلغان. زۇبەيرى ئەپەندى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ يېڭىدىن كەلگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتتە مۇساپىرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ يۈز قىسمى يوشۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان. كانادا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قۇللۇق، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاممىۋى نازارەت ھەمدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى باستۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.

سەمىر زۇبەيرى ئىلگىرى، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا، مونترېئال تور گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىمۇ بۇ مەسىلىنى قايتا تەكىتلەپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا يېتەرلىك كۈچ چىقارمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «ئاخىرقى ھېسابتا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر. مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۈتىمەن» دېگەنىدى.

زۇبەيرى گەرچە كانادا كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، «سىياسىي ئىرادە بولسىلا، بۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ» دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2023-يىلى فېۋرالدا پارلامېنتتا ماقۇللانغان بۇ قارارغا ئاساسەن، كانادا ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىۋاسىتە خىتايدىن ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ۋە باشقا ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق، 2024-يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى بۇ يېڭى تۈركۈمدىكى مۇساپىرلار كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ پىلان بويىچە پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەتتوختى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىر خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

سەمىر زۇبەيرى بۇ مۇساپىرلارنىڭ كاناداغا كېلىشىگە «تارىخىي پەيت» دەپ باھا بەردى ۋە «بۇ پارتىيەۋىي مەنپەئەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.