ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن زور سوممىلىق قورال سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ۋە سۈرىيەگە قاراتقان جازالارنى بىكار قىلدى

ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن 100 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش كېلىشىمى تۈزدى ۋە سۈرىيەگە قاراتقان جازالارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى، ئۇ يەنە ھەپتە ئاخىرى روسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 142 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كەڭ كۆلەملىك قورال سېتىش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، ترامپ يەنە سۈرىيەگە قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك جازانىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇشقا سىمۋول قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ بۇ قېتىم چوڭ بىر ئۆمەك بىلەن ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىگە چىققان بولۇپ، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن باشقا يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ. ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىئو، مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې خېگسېت ۋە سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پرېزىدېنت ترامپنىڭ سەپىرىگە يەنە ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلاردىن تېسلا، ئامازون ۋە بوئىن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.

ترامپ 13-ماي سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ زور سوممىلىق قورال سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ئاقساراي بۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىش سودىسى دەپ تەسۋىرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق ئامېرىكا ھەربىي ۋە مۇداپىئە شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئالەم بوشلۇقى، دېڭىز بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەت يەنە لوكخىد شىركىتىنىڭ F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى مۇزاكىرە قىلغان، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇرلىرىدا بۇ تىلغا ئېلىنمىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق قورال سېتىش نىشانلىرىنىڭ بىرى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئامېرىكا بىخەتەرلىك بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا نېفىت بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم بولدى.

ئاقساراي ئېلان قىلغان جەدۋەلگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىغا جەمئىي 600 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ترامپ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 1 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى تەمىنلىمىدى.

142 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىشتىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان DataVolt شىركىتى يەنە 20 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكىدا سۈنئىي ئىدراك (AI) سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدۇ. گۇگۇل، Oracle ۋە AMD قاتارلىق شىركەتلەر ھەر ئىككى دۆلەتكە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارغا 80 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ.

美国总统特朗普出访中东,随行人员中包括备受争议的人物马斯克。

ئامېرىكا سۈرىيەگە قاراتقان جازانى بىكار قىلدى

12-چېسلا رىيادتىكى مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە، تىرامپ ئۆزىنىڭ سۈرىيىگە قارىتىلغان جازانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا «ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتى» بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

گەرچە جازانىڭ بىكار قىلىنىش تەپسىلاتلىرى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئۆتكەن يىلى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان سۈرىيەگە زور ئىلھام بولدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاساد ئەل شەيبانى X سۇپىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇش يولىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش».

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيىدە شەيبانى بىلەن بۇ ئىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىدۇ.

بۇ يەنە 1979-يىلدىن باشلاپ سۈرىيەنى تېرورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت قىلىپ بېكىتكەن، 2004-يىلى جازا يۈرگۈزگەن ۋە 2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزگەن ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ زور سىياسەت ئۆزگىرىشى بولۇپ قالىدۇ.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالدى، بۇنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بار دەپ قارىدى. بۇندىن بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە كانادا ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بوشاتقان ئىدى.

ترامپ سۈرىيە پرېزىدېنتى شارا بىلەن كۆرۈشتى

دونالد ترامپ 14-ماي چارشەنبە كۈنى رىيادتا سۈرىيەنىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ ئۇچرىشىش ترامپنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئامېرىكا بىلەن سۇرىيە رەھبەرلىرىنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، بىز ھازىر پرېزىدېنت ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشۈشىمدىن باشلاپ، يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، ترامپ شارانى باشقا بىر قانچە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن «ئىبراھىم كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت (Karoline Leavitt) 14-ماي X ھېسابىدا ئىلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 
 
بۈگۈن، پرېزىدېنت ترامپ سەئۇدى ۋەلىئەھدە شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تەكلىپى بىلەن، سۇرىيە پرېزىدېنتى ئەھمەد ئەل-شارا بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان تېلېفون ئارقىلىق قاتناشتى. پرېزىدېنت ئەردوغان پرېزىدېنت ترامپنى سۈرىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ماختىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە سۇرىيەدە تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەشكە ۋەدە بەردى.
 
شاھزادە يەنە پرېزىدېنت ترامپنىڭ جازا تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى «باتۇرلۇق » دەپ ماختىدى. پرېزىدېنت ترامپ پرېزىدېنت ئەردوغان ۋە شاھزادىگە ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى، ۋە پرېزىدېنت ئەل-شارائاغا ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تارىخىي بىر ئىشنى قىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتتى. پرېزىدېنت ترامپ پرېزىدېنت ئەل-شارائانى سۇرىيە خەلقى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى، ۋە ئۇنى تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشقا دەۋەت قىلدى:
 
1. ئىسرائىلىيە بىلەن ئىبراھىم كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش
 
2. بارلىق چەتئەللىك تېررورچىلارنى سۈرىيەدىن كېتىشكە بۇيرۇش
 
3. پەلەستىنلىك تېررورچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش
 
4. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا دائىش تەشكىلاتىنىڭ قايتا جانلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياردەم بېرىش
 
5. شەرقىي شىمالىي سۈرىيەدىكى دائىش تەشكىلاتى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش
 
ترامپ: روسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتى ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىشىم مۇمكىن 
 
ترامپ يەنە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتىدىن كېيىن، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن بۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەگە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ھازىرچە پۇتىننىڭ بۇ سۆھبەتكە بىۋاستە قاتنىشىش قاتناشماسلىقى ئېنىق ئەمەس.

2025-يىلى 14-ماي